13
13-كۈي •••• قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە؟  
سەن مېنى مەڭگۈگە ئۇنتۇمسەن؟  
قاچانغىچە دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟   
 2 قاچانغىچە ھەركۈنى قايغۇرۇپ، قەلبىمدە؟  
قاچانغىچە دۈشمىنىم مەندىن شادلىنىپ غالىب يۈرىدۇ؟   
 3 ماڭا قارا، ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم!  
ئۆلۈم ئۇيقۇسى مېنى بېسىپ كەلگۈچە،  
كۆزۈمنى يورۇتقايسەن،   
 4 دۈشمىنىمنىڭ: «مەن كۈچىيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم» دېمەسلىكى ئۈچۈن،  
رەقىبلىرىم سەنتۈرۈلگەنلىكىمنى كۆرۈپ شادلانماسلىقى ئۈچۈن،  
كۆزۈمنى يورۇتقايسەن!   
 5 بىراق مەن بولسام سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم؛  
يۈرىكىم سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىدۇ؛   
 6 مەن پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛  
چۈنكى ئۇ ماڭا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتتى.