53
53-كۈي •••• قاراڭغۇ دۇنيا 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»:  
ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ.  
ئۇلار چىرىكلىشىپ،  
نەپرەتلىك قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتى؛  
ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر. ◼«ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»» ــ «ماخالات»نىڭ مەنىسى بىزگە نامەلۇم.  ◘زەب. 10:4؛ 14:1؛ رىم. 3:12    
 2 خۇدا ئەرشتە تۇرۇپ، ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ:  
«بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا، ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟  
خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ ◘رىم. 3:11   
 3 ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى،  
ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى،  
مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ.   
 4 ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان،  
قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىلىمى يوقمىدۇ؟» ــ دەيدۇ.  
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ.   
 5 قورققۇدەك ھېچ ئىش بولمىسىمۇ،  
مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛  
چۈنكى خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى پارچىلاپ چېچىۋەتتى؛  
سەن ئۇلارنى خىجىللىققا قويدۇڭ؛  
چۈنكى خۇدا ئۇلارنى نەزىرىدىن ساقىت قىلدى.   
 6 ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى!  
خۇدا ئۆز خەلقىنى ئاسارىتىدىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا،  
ياقۇپ شادلىنىدۇ،  
ئىسرائىل خۇشال بولىدۇ!