54
54-كۈي •••• ساتقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا قىلغان دۇئا 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل» (زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان):  
ئى خۇدا، ئۆز نامىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغايسەن؛  
زور قۇدرىتىڭ بىلەن دەۋايىمنى سورىغايسەن. ◼«زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» -14:23-29ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ.  ◘1سام. 23:19-28؛ 26:1   
 2 ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛  
ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سالغايسەن.   
 3 چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا ئورنىدىن تۇردى؛  
زومىگەرلەر مېنىڭ جېنىمنى ئوۋلىماقتا؛  
ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ھېچ ئىلمايدۇ.  
 4 قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛  
رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر.  
سېلاھ.   
 5 ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛  
ئى خۇدا، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن.   
 6 مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛  
نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛  
 7 چۈنكى ئۇ مېنى بارلىق بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى؛  
دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۈم.   
◼54:1 «زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» -14:23-29ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ.
◘54:1 1سام. 23:19-28؛ 26:1
◼54:3 «يات ئادەملەر ... ئورنىدىن تۇردى» ــ ياكى «تەكەببۇر ئادەملەر ... ئورنىدىن تۇردى».
◼54:6 «مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن» ــ «خالىس قۇربانلىقلار»: مۇسا پەيغەمبەر تۈزگەن نىزام بويىچە، «خالىس قۇربانلىق» خۇدانىڭ كۆرسەتكەن مەلۇم ئىلتىپاتى ياكى شەپقىتى ئۈچۈن رەھمەتلەرنى بىلدۈرىدىغان بىرخىل قۇربانلىق.