56
56-كۈي •••• زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «خىلۋەتتىكى دۇب دەرەخلىرىدىكى پاختەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى (فىلىستىيلەر گات شەھىرىدە ئۇنى ئەسىرگە ئالغاندا يېزىلغان): ــ  
ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن،  
چۈنكى ئىنسانلارنىڭ نەپسى يوغىناپ مېنى قوغلىماقتا؛  
كۈن بويى ئۇلار مەن بىلەن جەڭ قىلىپ مېنى باسماقتا؛ ◘1سام. 21:12،13،14   
 2 مېنى كۆزلىگەن رەقىبلىرىمنىڭ نەپسى يوغىناپ كۈن بويى مېنى قوغلىماقتا؛  
ماڭا ھەيۋە قىلىپ جەڭ قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپتۇر!   
 3 مەن قورققان كۈنۈمدە،  
مەن ساڭا تايىنىمەن.   
 4 مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا،  
خۇداغىلا تايىنىمەن؛  
مەن قورقمايمەن؛  
ناھايىتى بىر ئەت ئىگىسى مېنى نېمە قىلالىسۇن؟   
 5 ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ،  
ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛   
 6 ئۇلار توپ-توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛  
پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ.   
 7 گۇناھ بىلەن گۇناھنى يېپىپ قاچسا بولامدۇ؟  
غەزىپىڭ بىلەن ئەللەرنى يەرگە ئۇرغايسەن، ئى خۇدا!   
 8 مېنىڭ سەرسانلىقلىرىمنى ئۆزۈڭ ساناپ كەلگەن؛  
كۆزۈمدىن ئاققان ياشلىرىمنى تۇلۇمۇڭغا توپلاپ ساقلىغايسەن؛  
بۇلار دەپتىرىڭدە پۈتۈكلۈك ئەمەسمۇ؟   
 9 شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا نىدا قىلغان كۈندە،  
دۈشمەنلىرىم چېكىنىدۇ؛  
مەن شۇنى بىلدىمكى ــ خۇدا مەن تەرەپتىدۇر!   
 10 خۇدانى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن!  
پەرۋەردىگارنى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن!   
 11 خۇدانىلا تايانچىم قىلدىم ــ  
مەن قورقمايمەن، ناھايىتى شۇ بىر ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ ◘زەب. 118:6   
 12 ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىمگە ۋاپا قىلىمەن، ئى خۇدا؛  
ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن.   
 13 چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانسەن؛  
سەن پۇتلىرىمنى پۇتلىشىشتىن ساقلىمامسەن؟  
شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا، تىرىكلەر تۇرىدىغان يورۇقلۇقتا ماڭىمەن.