57
57-كۈي •••• ئېغىر كۈنلەردىكى ئېتىقاد
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ
ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن،
ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن،
چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى.
مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. «داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى» ــ «مىختام» 16-كۈيدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» 24-بابتا بايان قىلىنىدۇ.   1سام. 22‏:1؛ 24‏:4
خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا،
ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛
ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛
ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛
سېلاھ؛
خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ!
جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛
مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن!
ئادەم بالىلىرى ــ
ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر،
ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر!
ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن،
شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! زەب. 108‏:5
ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛
جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛
ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى،
لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. زەب. 7‏:15-16؛ 9‏:16
ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛
مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ،
بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن! زەب. 108‏:1-5
ئويغان، ئى روھىم!
ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان!
مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! «ئويغان، ئى روھىم!» ــ بۇ ئايەتتىكى «روھىم» ئىبرانىي تىلىدىكى «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمسى. «نەغمە-سازلىرىم!» ئىبرانىي تىلىدا «لىرا (راۋابدەك بىر ساز) ۋە چىلتار»نى بىلدۈرىدۇ.
مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛
ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! زەب. 18‏:49؛ 22‏:22؛ 108‏:3
10 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛
ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. زەب. 36‏:5-6؛ 108‏:4
11 ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن،
شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!
 
 

57:1 «داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى» ــ «مىختام» 16-كۈيدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» 24-بابتا بايان قىلىنىدۇ.

57:1 1سام. 22‏:1؛ 24‏:4

57:5 زەب. 108‏:5

57:6 زەب. 7‏:15-16؛ 9‏:16

57:7 زەب. 108‏:1-5

57:8 «ئويغان، ئى روھىم!» ــ بۇ ئايەتتىكى «روھىم» ئىبرانىي تىلىدىكى «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمسى. «نەغمە-سازلىرىم!» ئىبرانىي تىلىدا «لىرا (راۋابدەك بىر ساز) ۋە چىلتار»نى بىلدۈرىدۇ.

57:9 زەب. 18‏:49؛ 22‏:22؛ 108‏:3

57:10 زەب. 36‏:5-6؛ 108‏:4