58
58-كۈي •••• زالىم ھۆكۈمرانلارنى خۇدا جازالىغاي! 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ  
ئى قۇدرەت ئىگىلىرى، سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟  
ئى ئىنسان بالىلىرى، ئادىل ھۆكۈم چىقىرامسىلەر؟ ◼«سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئادالەت زۇۋانسىز بولۇپ قالدىمۇ؟ نېمىشقا سۆزلىمەيسىلەر؟». بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بىرنەچچە تەرجىمىلەر بار. بەلكىم سۈرگۈن بولغان داۋۇتنىڭ كۆزدە تۇتقىنى (ئەسلى ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان) ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنىڭ دەۋاسىنى سائۇل پادىشاھ ئالدىدا سۆزلىمىگىنى.   
 2 ياق، سىلەر كۆڭلۈڭلەردە يامانلىق تەييارلايسىلەر؛  
يەر يۈزىدە ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلىدىغان زوراۋانلىقنى ئۆلچەۋاتىسىلەر.   
 3 رەزىللەر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ئېزىپ كېتىدۇ؛  
ئۇلار تۇغۇلۇپلا يولدىن ئادىشىپ، يالغان سۆزلەيدۇ.   
 4 ئۇلارنىڭ زەھىرى يىلاننىڭ زەھىرىدۇر؛  
ئۇلار ئۆز قۇلىقىنى پۈتۈك قىلغان گاس كوبرا يىلاندەك، ◘زەب. 140:3   
 5 مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ،  
ئۇ نەي ئاۋازىغا قەتئىي قۇلاق سالمايدۇ. ◼«مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ» ــ «يىلانچى»: چېلىپ يىلانلارنى ئوينىتىدىغان كىشى.   
 6 ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن!  
مۇشۇ ياش شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار!   
 7 ئۇلار ئېقىپ كەتكەن سۇلاردەك ئۆتۈپ كەتكەي؛  
ئۇلار ئوقلارنى چەنلەپ ئاتقاندا،  
ئوقلىرى ئۇچسىز بولۇپ كەتكەي!   
 8 قۇلۇلە يول ماڭغاندا ئىزى يوقىلىپ كەتكەندەك،  
ئۇلار يوقاپ كەتسۇن؛  
ئايالنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىسىدەك،  
ئۇلار كۈن كۆرمىسۇن!   
 9 قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە،  
(مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن)  
 10 ھەققانىي ئادەم خۇدانىڭ ئىنتىقامىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ؛  
ئۆز ئىزلىرىنى رەزىللەرنىڭ قېنىدا يۇيىدۇ.   
 11 شۇڭا ئادەملەر: «دەرۋەقە، ھەققانىيلار ئۈچۈن ئىنئام باردۇر؛  
دەرۋەقە يەر يۈزىدە ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى بىر خۇدا باردۇر» ــ دەيدۇ.   
◼58:1 «سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئادالەت زۇۋانسىز بولۇپ قالدىمۇ؟ نېمىشقا سۆزلىمەيسىلەر؟». بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بىرنەچچە تەرجىمىلەر بار. بەلكىم سۈرگۈن بولغان داۋۇتنىڭ كۆزدە تۇتقىنى (ئەسلى ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان) ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنىڭ دەۋاسىنى سائۇل پادىشاھ ئالدىدا سۆزلىمىگىنى.
◘58:4 زەب. 140:3
◼58:5 «مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ» ــ «يىلانچى»: چېلىپ يىلانلارنى ئوينىتىدىغان كىشى.
◼58:9 «قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە، (مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن) ئۇ ئۇلارنى توزۇتۇۋېتىدۇ» ــ تولۇق ئايەتنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بۇ تەرجىمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.