67
67-كۈي •••• دۇنيا ئۈچۈن نىجاتلىق باردۇر! 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ  
خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ،  
ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي!  
سېلاھ! ◼«ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى بىزدىنمۇ چاچقاي!».  ◘چۆل. 6:25؛ زەب. 4:6   
 2 شۇنداق قىلغاندا يولۇڭ پۈتكۈل جاھاندا،  
قۇتۇلدۇرۇش-نىجاتلىقىڭ بارلىق ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولىدۇ.   
 3 بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛  
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!   
 4 جىمى تائىپىلەر خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىپ كۈيلىگەي،  
چۈنكى سەن خەلقلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن،  
يەر يۈزىدىكى تائىپىلەرنى، سەن يېتەكلەيسەن؛  
سېلاھ.   
 5 بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛  
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!   
 6 ۋە يەر-زېمىن كۆكلىرىنى ئۈندۈرىدۇ؛  
خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛   
 7 خۇدا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛  
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكىلەر چەت-ياقىلارغىچە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىدۇ!