◼72:1 «ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇلۇغ بېشارەتنىڭ تولۇق مەنىسى سۇلايماننىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. «سۇلايمان ئۈچۈن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «سۇلايماننىڭكى» ياكى «سۇلايمانغا تەۋە».
◼72:5 «سەندىن ئەيمىنىدۇ» ــ دېمەك، خۇدادىن ئەيمىنىدۇ. «شۇنداق بولغاندا كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا، *ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا خەلق سەندىن ئەيمىنىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى (LXX): «كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا ئۇ (پادىشاھ) تۇرىدۇۇ، كۈنلىرى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۇزارتىلىدۇ».
◘72:5 زەب. 89:36،37
◘72:6 2سام. 23:4
◼72:8 «ئەفرات دەرياسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «دەريا» دېيىلىدۇ. شۈبھىسى يوقكى، بۇ ئىبارە ئەفرات دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.
◼72:10 «تارشىش.. ئاراللار... شېبا...سېنا...» ــ «تارشىش»نىڭ دەل قايسى جاي ئىكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس، ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقا ياكى ئەنگلىيەنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن شۈبھە يوقكى، مۇشۇ ئايەتتىكى «تارشىش» ھەم «ئاراللار» دېڭىزدىكى ئەڭ چەت يەرلەرنى بىلدۈرىدۇ. «شېبا ھەم سېبا» ــ ھازىرقى ئەرەبىستاندا.
◘72:12 ئايۇپ 29:12
◘72:19 چۈل. 21:14؛ يەش. 3:6، 9:11؛ ھاب. 14:2
◼72:20 «داۋۇتنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى» ــ بۇ كۈي داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۇئاسى بولدى. بىراق «زەبۇر»نىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە بىز ئۇنىڭ باشقا دۇئا-كۈيلىرىنى ئۇچرىتىمىز.