73
ئۈچىنچى بۆلۈم •••• 73-كۈي •••• خاتالاشقىنىنى تونۇپ يېتىش
ئاساف يازغان كۈي: ــ
 
دەرۋەقە خۇدا ئىسرائىلغا،
قەلبى ساپ بولغانلارغا مېھرىباندۇر؛
لېكىن ئۆزۈم بولسام، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدىم؛
ئاياغلىرىم تېيىلىپ كەتكىلى قىل قالدى؛
چۈنكى رەزىللەرنىڭ روناق تاپقانلىقىنى كۆرۈپ،
ھاكاۋۇرلارغا ھەسەت قىلدىم؛ ئايۇپ 21‏:7-15؛ زەب. 37‏:1؛ يەر. 12‏:1، 2
چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ،
ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ. «چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ، ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇلاردا تارتقان ئازابلار يوق، ئۇلار تېنى مەزمۇت ۋە ساغلامدۇر».
ئۇلار ئىنسانغا خاس جاپانى كۆرمەيدۇ،
ياكى خەقلەردەك بالايىئاپەتكە ئۇچرىمايدۇ.
شۇڭا مەغرۇرلۇق مارجاندەك ئۇلارغا ئېسىلىدۇ،
زورلۇق-زومىگەرلىك توندەك ئۇلارغا چاپلىشىدۇ.
سېمىزلىكتىن كۆزلىرى پومپىيىپ چىقتى؛
قەلبىدىكى خىيانەتلەر ھەددىدىن ئېشىپ كېتەر.
باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ زەھەرلىك سۆزلەيدۇ؛
ھالىنى ئۈستۈن قىلىپ دىۋىنىپ، دوق قىلىدۇ.
ئەرشكە قارشى قىلار ئېغىزلىرىنى،
تىللىرى بىر ئالغان يەر يۈزىنى.
10 شۇڭا خۇدانىڭ خەلقى مۇشۇلارغا مايىل بولۇپ،
ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى سۇ ئىچكەندەك ئاخىرىغىچە ئىچىپ: ــ
11 «تەڭرى قانداق بىلەلەيتتى؟»،
«ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى بىلىكلىكمۇ؟» ــ دەر ئۇلار.
12 مانا بۇلار رەزىللەردۇر؛
ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت-پاراغەتنى كۆرەر،
بايلىقلارنى توپلار.
13 «ئاھ، ھەقىقەتەن بىكاردىن-بىكار كۆڭلۈمنى پاكلاندۇرۇپتىمەن،
گۇناھسىز تۇرۇپ قولۇمنى ئارتۇقچە يۇيۇپ كەپتىمەن؛
14 كۇن بويى جاپا چەكتىم بىكارغىمۇ؛
شۇندىمۇ ھەر سەھەردە ۋىجداننىڭ ئەيىبىگە ئۇچراپ كەلدىم!».
15 بىراق مەن: ــ «بۇنداق دېسەم،
باكى دۇنيا پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ دېدىم. «بۇنداق (دېسەم)، باكى دۇنيا پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ ئاساف خۇدادىن ئاغرىنىپ، گۇمانلىرىنى شۇنداق ئوپئوچۇق ئېيتىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ بۇنداق دېيىشى ئېتىقادى ئاجىزلارغا نىسبەتەن «ئاسىيلىق» ھەم ئۇلارنى ئېتىقادىدا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىش، دەپ قارايدۇ.
16 ئۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەي دېسەم،
كۆزۈمگە شۇنداق ئېغىر كۆرۈندى.
17 تەڭرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم؛
كىرگەندىلا يامانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندىم.
18 دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن،
ئۇلارنى يىقىتىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن.
19 ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ،
دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ!
20 سەن ئى رەب، چۈشتىن ئويغانغاندەك ئويغىنىپ،
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سىياقىنى كۆزگە ئىلمايسەن.
21 يۈرەكلىرىم قايناپ،
ئىچلىرىم سانجىلغاندەك بولغان چاغدا،
22 ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر ھاماقەت،
ئالدىڭدا بىر ھايۋان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتتىم.
23 ھالبۇكى، مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە؛
سەن مېنى ئوڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىدىڭ؛
24 ئۆز نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن،
شان-شەرىپىڭنى نامايان قىلغاندىن كېيىن،
ئاخىرىدا سەن مېنى ئۆزۈڭگە قوبۇل قىلىسەن.
25 ئەرشتە سەندىن باشقا مېنىڭ كىمىم بار؟
يەر يۈزىدە بولسا سەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىنتىزار ئەمەسمەن.
26 ئەتلىرىم ھەم قەلبىم زەئىپلىشىدۇ،
لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر! «لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر!» ــ ياكى «لېكىن قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم نېسىۋەم بولسا مەڭگۈلۈك خۇدادۇر!».
27 چۈنكى مانا، سەندىن يىراق تۇرغانلار ھالاك بولىدۇ؛
ۋاپاسىزلىق قىلغان پاھىشە ئايالدەك سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرىنى يوقىتىسەن.
28 بىراق مەن ئۈچۈن، خۇداغا يېقىنلىشىش ئەۋزەلدۇر!
ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن،
رەب پەرۋەردىگارنى تايانچىم قىلدىم. «ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سېنىڭ ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن،...».
 
 

73:3 ئايۇپ 21‏:7-15؛ زەب. 37‏:1؛ يەر. 12‏:1، 2

73:4 «چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ، ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇلاردا تارتقان ئازابلار يوق، ئۇلار تېنى مەزمۇت ۋە ساغلامدۇر».

73:15 «بۇنداق (دېسەم)، باكى دۇنيا پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ ئاساف خۇدادىن ئاغرىنىپ، گۇمانلىرىنى شۇنداق ئوپئوچۇق ئېيتىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ بۇنداق دېيىشى ئېتىقادى ئاجىزلارغا نىسبەتەن «ئاسىيلىق» ھەم ئۇلارنى ئېتىقادىدا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىش، دەپ قارايدۇ.

73:26 «لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر!» ــ ياكى «لېكىن قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم نېسىۋەم بولسا مەڭگۈلۈك خۇدادۇر!».

73:28 «ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سېنىڭ ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن،...».