75
75-كۈي •••• ئادىل سوراقچى خۇدا 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ  
ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز!  
چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛  
بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ.   
 2 مەنكى پەرۋەردىگار: ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا،  
ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛   
 3 يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ،  
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى.  
سېلاھ.   
 4 ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»،  
ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛ ◼«مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن مۈڭگۈز ئەمەس، ئەلۋەتتە!   
 5 «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛  
بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!»   
 6 چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس،  
ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛ ◼«... جەنۇبتىن ئەمەس» ــ ياكى «(جەنۇبتىكى) چۆل-باياۋاندىن ئەمەس».   
 7 چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛  
ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ.   
 8 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛  
ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛  
ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛  
خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛  
دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛   
 9 مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: ــ  
ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.   
 10 «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛  
بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!». ◼«مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!» ــ سۆزلىگۈچى (مۇشۇ 10-ئايەتتە) خۇدانىڭ ئۆزى ياكى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھ بولسا كېرەك.   
◼75:4 «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن مۈڭگۈز ئەمەس، ئەلۋەتتە!
◼75:6 «... جەنۇبتىن ئەمەس» ــ ياكى «(جەنۇبتىكى) چۆل-باياۋاندىن ئەمەس».
◼75:10 «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!» ــ سۆزلىگۈچى (مۇشۇ 10-ئايەتتە) خۇدانىڭ ئۆزى ياكى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھ بولسا كېرەك.