76
76-كۈي •••• پەرۋەردىگار ئەللەردىن ھېساب ئالىدۇ
1 بۇ ئاساف يازغان كوي بولۇپ, تارلىق سازىلار تەڭقىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان: ــ
يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛
ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر.
2 ئۇنىڭ پاناھ جايى سالېمدىدۇر،
زىئون تېغىدا ماكانى باردۇر. ◼«ئۇنىڭ پاناھ جايى سالېمدىدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ ئۇۋىسى سالېمدا». بۇ سۆز بەلكىم خۇدانى شىرغا ئوشىتىدۇ. تەۋراتتىكى «ھوشىيا» دېگەن قىسىمدا خۇدا «يەھۇدانىڭ شىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. «سالېم» ــ «يېرۇسالېم»نىڭ قىسقارتىپ ئېيتىلىشى.
3 شۇ يەردە سۇندۇردى ئۇ دۈشمەننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى،
چېقىپ تاشلىدى قالقان، قىلىچ ۋە بارلىق ئۇرۇش قوراللىرىنى.
سېلاھ.
4 شەرىپىڭ نەقەدەر ئەلادۇر، ئوۋ-ئولجاغا باي تاگلاردىنمۇ ھەيۋىتىڭ زوردۇر!◼«ئوۋ-ئولجا تاغلىرى» ــ بەلكىم توپ-توپ دۆۋىلەنگەن ئوۋ-ئولجىلارنى كۆرسىتىدۇ.
5 دۈشمەن باتۇرلار بۇلاندى؛
ئۇزۇن ئۇيقۇغا كەتكەن سەۋەب: ــ
پالۋانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز قولىنى كۆتۈرەلمىدى.
6 سېنىڭ ئەيىبلىشىڭ بىلەن، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى،
جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلار ئۆلۈكتەك ئۇخلىتىلدى.
7 قورقۇنچقا تېگىشلىك كېرەكتۇر سېندىلنا، پەقەت سەنىڭلا؛
قايسى ئىنسان تىك تۇرالىسۇن غەزىپىڭنىڭ ئالدىڭدا؟
8-9 يەر-زېمىن بارچە ياۋاش مۆمىنلەرنى قۇتقۇزماق بولۇپ،
سەن خۇدا سوراق-ھۆكۇم جاكاردا ئاسماندىن تۇرساڭ،
باسار يەرنى ۋەھىم، سۈكۈت-قورقۇنچ.
سېلاھ.
10 چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛
11 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قەسەم قىلىپ، ئەمەل قىلىڭلار؛
سوۋغا بەرسۇن قوشنا ئەللەر قورقۇنچى كېرەك بولغۇچىغا؛
12 ئۇ ئەمىرلەرنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرار؛
ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا دەھشەتلىك بولار.
◼76:2 «ئۇنىڭ پاناھ جايى سالېمدىدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ ئۇۋىسى سالېمدا». بۇ سۆز بەلكىم خۇدانى شىرغا ئوشىتىدۇ. تەۋراتتىكى «ھوشىيا» دېگەن قىسىمدا خۇدا «يەھۇدانىڭ شىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. «سالېم» ــ «يېرۇسالېم»نىڭ قىسقارتىپ ئېيتىلىشى.
◼76:4 «ئوۋ-ئولجا تاغلىرى» ــ بەلكىم توپ-توپ دۆۋىلەنگەن ئوۋ-ئولجىلارنى كۆرسىتىدۇ.
◼76:10 «ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ قەمەر قەبى باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى» ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم (1) خۇدا ئىنساننىڭ بارلىق ئاسىيلىق-قارشىلىشىشلىرىنى ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ شۆھرىتىگە ھەم مۇددىئالىرىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ (2) ئىنسانلارنىڭ ئۆز قەھرى ئۆزىگە كەلتۈرگەن كۈلپەتلەر يېنىك بولۇپ قالغان بولسا، «قالغان قەھر»نى خۇدا ئۆزى تولۇقلاپ جازالىرىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.