78
78-كۈي •••• تارىخنىڭ تېپىشماقلىرى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ
ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار،
ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار. «ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار... قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن (2-ئايەت)» ــ ئوقۇرمەنلەر بۇ كۈي كۆرسەتكەن ۋەقەلەرنى تەۋراتتىكى «مىسىردىن چىقىش»، «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر»، «باتۇر ھاكىملار» ھەم «سامۇئىل (1)»، «سامئۇىل (2)» دېگەن قىسىملاردىن تاپالايدۇ.
تەمسىل بىلەن مەن ئاياي ئاغزىمنى،
بايان ئەسلەي ئۆتمۈشتىكى تېپىشماقلارنى.«... بايان ئەسلەي ئۆتمۈشتىكى تېپىشماقلارنى» ــ «تېپىشماقلار» توغرۇلۇق 1-ئايەتتىكى ئىشاھاتنى كۆرۈڭ.  زەب. 49‏:4؛ مات. 13‏:35
بىز بۇلارنى ئاڭلىغان، بىلگەن،
ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن.
بىز بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوشۇرمايمىز،
كېلىدىغان دەۋرگە پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى،
ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى،
ئۇنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىنى بايان قىلىمىز.
چۈنكى ئۇ ياقۇپتا بىر ئاگاھ-گۇۋاھنى بېكىتكەن،
ئىسرائىلدا بىر قانۇننى ئورناتقان؛
«بالاڭلارغا ئۈگىتىڭلار بۇلارنى» دەپ،
ئەمر قىلغانىدى ئۇ ئەجدادىمىزغا؛ قان. 4‏:9؛ 6‏:7
شۇنداق دەۋر كېلەر،
ئەجدادلىرىمىز بولارنى چوخۇم بىلگەي، ھەتتا تۇغۇلماكچى بولغان بالىلارمۇ،
ئېۋلادمۇ-ئەۋلاد بالىلارنى ئۈگەتكەي. ئورنىدىنئۆگەتكەي تۇرۇپ ئۆز بالىلىرىغا بۇلارنى ؛
پەرزەنتلىرى ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغاي،
تەڭرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇمىغاي،
بەلكى ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە كىرگەي؛
دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى،
جاھىل، ئاسىي بىر زامان كەبى،
ئۆز قەلبىنى دۇرۇس قىلمىغاي،
روھى تەڭرىگە ۋاپاسىز بىر دەۋر كەبى، ئۇ شۇنداق بۇيرۇغاندۇر. مىس. 32‏:9؛ 33‏:3، 5؛ 34‏:9؛ قان. 9‏:6، 13؛ 31‏:27
مانا ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى،
قوراللانغان ئوقياچىلار بولسىمۇ،
جەڭ كۈنىدە سەپتىن ياندى.
10 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى،
بەلكى ئۇنىڭ تەۋرات-قانۇنىدا مېڭىشنى رەت قىلدى.
11 ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى،
ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى ئۇنتۇدى.
12 ئۇ مىسىرنىڭ زېمىنىدا، زوئاننىڭ دالاسىدا،
ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىدى؛
13 ئۇ دېڭىزنى بۆلۈۋېتىپ،
ئۇلارنى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگەنىدى؛
سۇنى كىيا كەبى تۇرگۇزفانىدى. مىس. 14‏:21
14 ئۇ كۈندۈزدە بۇلۇت بىلەن،
كېچىدە ئوت نۇرى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى. مىس. 13‏:21؛ زەب. 105‏:39
15 چۆل-باياۋاندا تاشلارنى يېرىۋەتكەنىدى،
چوڭقۇر سۇرلاردىن ئۇرغۇپ چىققاندەك ئىچىملىكنى مول قىلدى؛ مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11؛ زەب. 105‏:41؛ 1كور. 10‏:4
16 ئۇ خادا تاشتىن ئۆستەڭ-ئېقىنلارنى ھاسىل قىلدى،
سۇنى دەريالاردەك ئاققۇزدى.
17 بىراق ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىۋەردى،
چۆلدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ئاسىيلىق قىلدى.
18 ئۇلار كۆڭلىدە تەڭرىنى سىنىدى،
نەپسىنى قاندۇرۇشقا يېمەكلىكنى تەلەپ قىلدى.
19 ئۇلار خۇدانى ھاقارەتلەپ: ــ «تەڭرى چۆل-دەشتتە داستىخان سالالامدۇ؟ چۆل. 11‏:1، 4
20 مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى،
سۇلار ئۇرغۇپ،
ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛
ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟
ئۆز خەلقىنى گۆش بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى. «ئۇلار... (يەنى خەلق) مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى» ــ بۇ ۋەقە تەۋرات، «چۆل.» 11-بابتا بايان قىلىنغان.  مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11
21 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، غەزەپلەندى؛
ياقۇپقا ئوت تۇتاشتى،
ئىسرائىلغا ئاچچىقى كۆتۈرۈلدى؛ چۆل. 11
22 چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنمىدى،
ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا ئۇلار تايانمىدى،
23 ئۇ ئەرشتىن بۇلۇتلارنى بۇيرۇپ،
ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچقانىدى؛
24 ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ،
ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى؛ «ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى» ــ «ماننا» ئاسماندىن چۈشىدىغان بىرخىل ئاش ئىدى. «مىس.» 16-بابنى كۆرۈڭ.  مىس. 16‏:14
25 شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى؛
ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە ئوزۇقنى ئەۋەتكەنىدى. «... ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى» ــ « «كۈچ ئىگىلىرى» شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ.  يـۇھ. 6‏:31؛ 1كور. 10‏:3
26 ئەمدى ئۇ ئاسماندا شەرق شامىلى چىقىرىپ،
كۈچى بىلەن جەنۇب شامىلىنىمۇ ئېلىپ كەلدى؛ چۆل. 11‏:31
27 ئۇ گۆشنى چاڭ-توزاندەك ئۇلار ئۈستىگە چۈشۈردى،
دېڭىزلار ساھىلىدىكى قۇملاردەك ئۇچار-قاناتلارنى ياغدۇردى.
28 ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ بارگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىغا،
چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈردى.
29 ئۇلار بولۇشىچە يەپ تويۇشتى،
چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپسى تارتقىنىنى خۇدا ئۇلارغا كەلتۈرگەنىدى.
30 لېكىن ئۇلار نەپسى تارتقىنىدىن تېخى زېرىكمەيلا،
گۆشنى ئېغىزلىرىدا تېخى چايناۋاتقىنىدىلا،
31 خۇدانىڭ غەزىپى ئۇلارغا قوزغالدى؛
ئۇلاردىن ئەڭ قامەتلىكلىرى قىرىلدى،
ئىسرائىلنىڭ سەرخىل ياشلىرى يەرگە ئۇرۇلدى. چۆل. 11‏:33؛ 1كور. 10‏:5
32 قۆرۈپ شۇنچە قۆرگۈلۈق، بىراق توۋا قىلمىدى،
قۆرۈپ شۇنچە مۇجىزىلىرىگە،
لېكىن ئاڭا ئىشەنمىدى؛
33 شۇڭا خۇدا ئۇلارنىڭ ھاياتىنى مەنىسىزلىك ئىچىگە،
ھەم ئۆتتى يىللىرىنى دەككە-دۈككىگە.
34 ئۇلار ئۆلۈم كەلگەندە باشقا،
ئەسكە ئالدى ئۇنى؛
توۋا قىلىپ تەڭرىنى ئىنتىلىپ، ئىزدەشكە باشلىدى ئۇنى؛
35 ئەسكە ئالدى ىۇلار «ئۇيۇلتاشتەك ناشپاناهىمىز خۇدا، ھەممىدىن ئالىي تەڭرى ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز بار».
36 بىراق ئۇلار ئاغزى بىلەن خۇشامەت قىلدى،
تىلى بىلەن ئۇنىڭغا يالغان سۆز قىلدى؛
37 چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا سادىق بولمىدى،
ئۇلار ئۇنىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتمىدى.
38 بىراق ئۇ يەنىلا رەھىمدىل ئىدى؛
قەبىھلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى يوقاتمىدى؛
ئۇ تەكرار ئۆز غەزىپىدىن ياندى،
ئۇ قەھرىنى قوزغىغىنى بىلەن ھەممىنى تۆكمىدى.
39 ئۇ ئۇلارنىڭ پەقەت ئەت ئىگىلىرى،
كەتسە قايتىپ كەلمەس بىر نەپەس ئىكەنلىكىنى ياد ئەتتى.
40 ئۇلار چۆل-دەشتتە شۇنچە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى.
شۇنچە كۆپ قېتىم باياۋاندا كۆڭلىگە ئازار بەردى!
41 بەرھەق، ئۇلار قايتىدىن يولدىن چەتنەپ تەڭرىنى سىنىدى،
ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى.
42‏-43 ئۇلار ئۇنىڭ قولىنى ئەسلىمىدى؛
ئۇلارنى زومىگەرنىڭ چاڭگىلىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزغان كۈنىنى،
قانداق قىلىپ مىسىردا كارامەتلەرنى يارىتىپ،
زوئان دالاسىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىنىنى ئېسىدىن چىقاردى.
44 ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ دەريالىرىنى، ئېقىنلىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ،
ئۇلارنى ئىچەلمەس قىلىپ قويدى؛ مىس. 7‏:20
45 ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشتەرلىك چىۋىنلارنى توپ-توپى بىلەن ئەۋەتتى،
ھالاك قىلار پاقىلارنى ماڭدۇردى؛ مىس. 8‏:2،20
46 ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى كېپىنەك قۇرتلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ،
مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەرگە بەردى؛ مىس. 10‏:13
47 ئۈزۈم تاللىرىنى مۆلدۈر بىلەن ئۇردۇرۇپ،
ئەنجۈرلىرىنى قىراۋ بىلەن ئۈششۈتۈۋەتتى. مىس. 9‏:23
48 ئۇ كالىلىرىنى مۆلدۈرگە سوقتۇرۇپ،
ماللىرىنى چاقماق ئوتلىرىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.
49 ئۇ ئۇلارغا غەزىپىنىڭ دەھشەتلىكىنى ــ
قەھرى، نەپرەت ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى چۈشۈردى،
كەلدى هەم بىر تۈركۈم پەرىشتىلەر كۆك-ئاسماندىن.
50 ئۇ ئۆز غەزىپى ئۈچۈن بىر يولنى تۈزلەپ قويدى؛
ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن ئايىماي،
بەلكى ھاياتىنى ۋاباغا تاپشۇردى؛ مىس. 9‏:6
51 ئۇ مىسىردا بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان بالىلارنى،
ھامنىڭ چېدىرلىرىدا ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى. مىس. 12‏:29؛ زەب. 105‏:36
52 ئۇ پادىچىدەك ئۆز خەلقىنى مىسىردىن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ،
چۆل-باياۋاندىن ئۇلارنى قوي پادىسىدەك باشلاپ ماڭدى؛
53 ئۇلارنى ئامان-ئېسەن يېتەكلىگەچكە،
ئۇلار قورقۇنچتىن خالىي بولۇپ ماڭدى؛
دۈشمەنلىرى غەرق بولدى دېڭىزدا.مىس. 14‏:27،28؛ 15‏:10
54 ئۇ ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس زېمىنىنىڭ چېگراسىغا،
ئوڭ قولى ئىگىلىۋالغان بۇ تاغلىققا ئېلىپ كەلدى.
55 ئۇ ئەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋېتىپ،
تانا بىلەن ئۆلچۈپ يەرنى، تەكسىم قىلدى زېمىننى؛
ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇردى. يە. 13‏:7؛ زەب. 136‏:21،22
56 بىراق ئۇلار خۇدانى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى سىناپ ئاچچىقلاندۇردى،
ئۇنىڭ تاپشۇرغان گۇۋاھ-ئاگاھلىرىنى تۇتمىدى؛
57 بەلكى ئاتا-بوۋلىرىدەك يولدىن تېيىپ ئاسىيلىق قىلدى،
خائىن ئوقيادەك قېيىپ كەتتى.
58 ئۇلار ئېگىزلىكتە قۇرغان ئىبادەتگاھلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى،
ئويما بۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى. قان. 32‏:16،21
59 خۇدا ئۇلارنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى،
ئىسرائىلدىن ئىنتايىن يىرگەندى.
60 ئۇ شىلوھدىكى ماكانىنى،
يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى، «ئۇ (رەب) شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى» ــ 60-66-ئايەتلەردىكى ۋەقەلەر «1سام.» -1-6بابتا بايان قىلىنغان.
61 ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە،
شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى؛ «ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى» ــ بۇ ئايەتتە خۇدانىڭ «قۇدرەت بەلگىسى» ۋە «شان-شەرىپى» ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرسىتىدۇ.  1سام. 4‏:10،11
62 ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى،
ئۆزىنىڭ مىراسى بولغانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى.
63 ئوت ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنى يالمىدى،
قىزلىرى توي ناخشىلىرىدا ماختالمايتتى.
64 ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى،
لېكىن تۇل خوتۇنلىرى ھازا تۇتمىدى. «ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى» ــ «كاھىن» ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىش خىزمىتىدە بولغان مەخسۇس خادىم.  1سام. 4‏:11،18،19
65 ئاندىن رەب بىرسى ئۇيقۇدىن ئويغاندەك ئويغاندى،
شارابتىن جاسارەتلەنگەن پالۋاندەك توۋلىدى.
66 ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ،
ئۇلارنى تۈگىمەس رەسۋاغا قالدۇردى. «ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ...» ــ بۇ جۈملە ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق. ئىككىنچى مەنىسى «ئۇ رەقىبلىرىنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇپ،..». تەۋرات، «1سام.» 5-بابتا، خۇدا بۇتپەرەس فىلىستىيەلىكلەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى بۇۋاسىرلار بىلەن قىينىدى.  1سام. 5‏:6؛ 6‏:4
67 يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛
ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى؛ «رەب... يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى...» ــ 67-72-ئايەتلەردە، خۇدانىڭ داۋۇت پەيغەمبەرنى ئۆز خەلقىنىڭ پادىشاھى بولۇشقا، زىئون (يېرۇسالېم)نى ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش جايى بولۇشقا تاللاش جەريانىنى بايان قىلىنىدۇ. ھەزرىتى داۋۇت بولسا يۈسۈپ ياكى ئەفرائىم قەبىلىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىدى.
68 بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى،
ياخشى كۆرگەن زىئون تېغىنى تاللىدى.
69 شۇ يەردە مۇقەددەس جايىنى تاغ چوققىلىرىدەك،
يەر-زېمىننى ئەبەدىي ئورناتقاندەك مەزمۇت بىنا قىلدى؛
70 ئۇ ئۆز قۇلى داۋۇتنى تاللاپ،
ئۇنى قوي قوتانلىرىدىن چاقىرىۋالدى؛ 1سام. 16‏:11؛ 2سام. 7‏:8
71 قوزىلىرىنى ئېمىتىدىغان ساغلىقلارنى ئەگىشىپ بېقىشتىن ئايرىپ،
ئۇنى ئۆز خەلقى ياقۇپنى، مىراسى بولغان ئىسرائىلنى بېقىشقا چىقاردى. 2سام. 5‏:2؛ 1تار. 11‏:2
72 داۋۇت ئۇلارنى قەلبىدىكى دۇرۇسلۇقى بىلەن باقتى،
قولىنىڭ ئەپچىللىكى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى.
 
 

78:1 «ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار... قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن (2-ئايەت)» ــ ئوقۇرمەنلەر بۇ كۈي كۆرسەتكەن ۋەقەلەرنى تەۋراتتىكى «مىسىردىن چىقىش»، «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر»، «باتۇر ھاكىملار» ھەم «سامۇئىل (1)»، «سامئۇىل (2)» دېگەن قىسىملاردىن تاپالايدۇ.

78:2 «... بايان ئەسلەي ئۆتمۈشتىكى تېپىشماقلارنى» ــ «تېپىشماقلار» توغرۇلۇق 1-ئايەتتىكى ئىشاھاتنى كۆرۈڭ.

78:2 زەب. 49‏:4؛ مات. 13‏:35

78:5 قان. 4‏:9؛ 6‏:7

78:8 مىس. 32‏:9؛ 33‏:3، 5؛ 34‏:9؛ قان. 9‏:6، 13؛ 31‏:27

78:13 مىس. 14‏:21

78:14 مىس. 13‏:21؛ زەب. 105‏:39

78:15 مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11؛ زەب. 105‏:41؛ 1كور. 10‏:4

78:19 چۆل. 11‏:1، 4

78:20 «ئۇلار... (يەنى خەلق) مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى» ــ بۇ ۋەقە تەۋرات، «چۆل.» 11-بابتا بايان قىلىنغان.

78:20 مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11

78:21 چۆل. 11

78:24 «ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى» ــ «ماننا» ئاسماندىن چۈشىدىغان بىرخىل ئاش ئىدى. «مىس.» 16-بابنى كۆرۈڭ.

78:24 مىس. 16‏:14

78:25 «... ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى» ــ « «كۈچ ئىگىلىرى» شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

78:25 يـۇھ. 6‏:31؛ 1كور. 10‏:3

78:26 چۆل. 11‏:31

78:31 چۆل. 11‏:33؛ 1كور. 10‏:5

78:44 مىس. 7‏:20

78:45 مىس. 8‏:2،20

78:46 مىس. 10‏:13

78:47 مىس. 9‏:23

78:50 مىس. 9‏:6

78:51 مىس. 12‏:29؛ زەب. 105‏:36

78:53 مىس. 14‏:27،28؛ 15‏:10

78:55 يە. 13‏:7؛ زەب. 136‏:21،22

78:58 قان. 32‏:16،21

78:60 «ئۇ (رەب) شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى» ــ 60-66-ئايەتلەردىكى ۋەقەلەر «1سام.» -1-6بابتا بايان قىلىنغان.

78:61 «ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى» ــ بۇ ئايەتتە خۇدانىڭ «قۇدرەت بەلگىسى» ۋە «شان-شەرىپى» ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

78:61 1سام. 4‏:10،11

78:64 «ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى» ــ «كاھىن» ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىش خىزمىتىدە بولغان مەخسۇس خادىم.

78:64 1سام. 4‏:11،18،19

78:66 «ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ...» ــ بۇ جۈملە ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق. ئىككىنچى مەنىسى «ئۇ رەقىبلىرىنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇپ،..». تەۋرات، «1سام.» 5-بابتا، خۇدا بۇتپەرەس فىلىستىيەلىكلەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى بۇۋاسىرلار بىلەن قىينىدى.

78:66 1سام. 5‏:6؛ 6‏:4

78:67 «رەب... يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى...» ــ 67-72-ئايەتلەردە، خۇدانىڭ داۋۇت پەيغەمبەرنى ئۆز خەلقىنىڭ پادىشاھى بولۇشقا، زىئون (يېرۇسالېم)نى ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش جايى بولۇشقا تاللاش جەريانىنى بايان قىلىنىدۇ. ھەزرىتى داۋۇت بولسا يۈسۈپ ياكى ئەفرائىم قەبىلىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىدى.

78:70 1سام. 16‏:11؛ 2سام. 7‏:8

78:71 2سام. 5‏:2؛ 1تار. 11‏:2