79
79-كۈي •••• يۇرتنى باسقان بالايىئاپەتتىن كۆتۈرۈلگەن نالە-زار 
  1 ئاساف يازغان كۈي: ــ  
ئى خۇدا، يات ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛  
ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛  
يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى. ◼«ئى خۇدا، تات ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى» ــ بۇ كۈي بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇن ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن يېزىلغان بولسا كېرەك.   
 2 ئۇلار قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا يەم قىلىپ،  
مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى دالادىكى ھايۋاناتلارغا تاشلاپ بەردى.   
 3 ئۇلار خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى يېرۇسالېم ئەتراپىدا سۇدەك ئاققۇزدى،  
جەسەتلىرىنى كۆمگىلى بىرەر ئادەممۇ قالدۇرمىدى.   
 4 قوشنىلىرىمىز ئالدىدا رەسۋاغا قالدۇق،  
ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسخىرە ۋە مازاق ئوبيېكتى بولدۇق. ◘زەب. 44:14؛ 80:6   
 5 قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟  
سەن مەڭگۈگە غەزەپلىنەمسەن؟  
سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ ◼«سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ » ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ ھەسىتىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ ».  ◘زەب. 89:46   
 6 قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە،  
نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن! ◘يەر. 10:25   
 7 چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يالماپ،  
ئۇنىڭ ماكانىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى.   
 8 ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛  
رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي!  
چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالدا قالدۇق. ◘يەش. 64:8    
 9 ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى،  
نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كەفارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛   
 10 يات ئەللەر نېمىشقا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟  
قۇللىرىڭ تۆككەن قان قەرزىنىڭ ھېسابى ئەللەر ئارىسىدا، كۆز ئالدىمىزدا قىلىنغاي.   
 11 ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛  
بىلىكىڭنىڭ قۈچى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن.   
 12 ئى رەب، يات قوشنىلىرىمىزنىڭ ساڭا قىلغان زور ھاقارىتىنى يەتتە ھەسسە قوشۇپ ئۆزلىرىگە،  
يەنى ئۇلارنىڭ ئىچى-باغرىغا قايتۇرغايسەن؛   
 13 شۇنداق قىلىپ، سېنىڭ خەلقىڭ ــ ئۆزۈڭ باققان قويلىرىڭ بولغان بىزلەر،  
ساڭا مەڭگۈگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز،  
ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سېنىڭ مەدھىيىلىرىڭنى ئايان قىلىمىز.   
◼79:1 «ئى خۇدا، تات ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى» ــ بۇ كۈي بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇن ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن يېزىلغان بولسا كېرەك.
◘79:4 زەب. 44:14؛ 80:6
◼79:5 «سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ » ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ ھەسىتىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ ».
◘79:5 زەب. 89:46
◘79:6 يەر. 10:25
◘79:8 يەش. 64:8