80
80-كۈي •••• خۇدا يولىدا يۇرتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن دۇئا •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
«نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا؛ بىر گۇۋاھلىق؛ ئاساف يازغان كۈي: ــ
قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى،
يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛
ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى،
نۇرلانغايسەن! «قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى، يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛ ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى، نۇرلانغايسەن!» ــ بۇ كۈي بەلكىم ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە (جەنۇبىي پادىشاھلىقىدا، يەنى «يەھۇدا»دا) مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 734-722 يىللاردا يېزىلغان؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ئىسرائىل شىمالىي پادىشاھلىقىغا بۆسۈپ كىرىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ئادەملىرىنى ئەسىرگە ئالدى. جەنۇبىي پادىشاھلىقتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەپسۇسلىنىپ، شىمالىدىكى قېرىندىشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»دا ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى يېنىدا ئالتۇندىن ياسالغان بىردىن «كېرۇب»، يەنى كۈچلۈك پەرىشتىنىڭ سېيماسى تۇرىدۇ. خۇدا ئەسلىدە ئۆز ھۇزۇرىنىڭ بۇ ئىككى كېرۇب ئوتتۇرىسىدا بولۇشىغا ۋەدە قىلغان.
ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن،
بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن!
ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن!
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز! زەب. 4‏:6؛ 31‏:16؛ 67‏:1-2؛ دان. 9‏:17
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
خەلقىڭنىڭ دۇئالىرىغا بولغان غەزىپىڭ قاچانغىچە يالقۇنلاپ تۇرىدۇ؟
سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا نان ئورنىدا قىلدىڭ،
كۆز ياشلىرىنى قاچا-قاچىلاپ ئۇلارغا ئىچكۈزدۇڭ.
بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ؛
بىزنى مەسخىرىدە دۈشمەنلەرنىڭ ئاغزىدا. «بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: ــ «سەن بىزنى قوشنىمىزغا مازاق ئوبيېكتى قىلدىڭ» دېگەن سۆزلەر تېپىلىدۇ.  زەب. 44‏:13-14؛ 79‏:4
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن!
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
سەن مىسىردىن بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلدىڭ؛
يات ئەللەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇنى تىكتىڭ. يەش. 5؛ يەر. 2‏:21؛ ئ‍ەز. 15؛ 17‏:3-10؛ يـۇھ. 15‏:1
يەر تەييارلىدىڭ ئۇ كۆچەتكە،
چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەڭ يېيىلدى ئۇ زېمىنغا.
10 سايە تاشلىدى دەشتى-تاگلارغا؛
غوللىرى قۈچلۈق كېدىر دەرەخلىرىدەك؛ «قۈچلۈق كېدىر دەرەخلىرىدەك..» ــ ياكى «تەڭرىنىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك...».
11 ئۇ شاخلىرىنى دېڭىزغىچە،
پىلەكلىرىدىن ئەفرات دەرياسىمۇ قۇرۇپ قالمىدى.
12 نەچۈن بۇزىسەن قاشالىرىنى،
ھەدىيە كىلىسەن يولۇچىلارغا مېۋىسىنى؟
13 ئورمانلىقتىكى ياۋا توڭگۇزلار ئۇنى ھاراپ قىلماقتا،
دالادىكى ھايۋاناتلار ئوزۇق قىلماقتا.
14 ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ئۆتۈنىمىز سەندىن،
يېنىمىزغا قايتقايسەن!
ئەرشتىن ھالىمىزغا نەزەر سالغايسەن،
كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن! «... كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بۇ ئۈزۈم تېلىنى يوقلىغايسەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
15 يەنى ئوڭ قولۇڭ تىككەن بۇ يىلتىزدىن،
ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن بۇ ئوغلۇڭدىن خەۋەر ئالغايسەن!
16 مانا ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلدى،
كېسىۋېتىلدى؛
يۈزۈڭدىكى تەنبىھىي قارىشىڭنى كۆرۈپ ئۇلار ھالاك بولماقتا؛
17 قولۇڭنى ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەمگە،
يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلىغا قوندۇرغايسەن؛ «ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەم... يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلى..» ــ «ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەم»، «ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلى» شۈبھىسىزكى مەسىھ توغرۇلۇق ئالدىنئالا ئېيتىلغان بېشارەتلىك سۆز.  زەب. 110‏:1؛ دان. 7‏:13، 14؛ مات. 16‏:27؛ ئىبر. 1‏:3؛ 8‏:1؛ 10‏:12؛ 12‏:1؛ 1پېت. 3‏:22
18 شۇنداق قىلغاندا بىز سەندىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛
بىزنى يېڭىلىغايسەن، شۇندا بىز نامىڭنى چاقىرىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمىز.
19 ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن!
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
 
 

80:1 «قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى، يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛ ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى، نۇرلانغايسەن!» ــ بۇ كۈي بەلكىم ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە (جەنۇبىي پادىشاھلىقىدا، يەنى «يەھۇدا»دا) مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 734-722 يىللاردا يېزىلغان؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ئىسرائىل شىمالىي پادىشاھلىقىغا بۆسۈپ كىرىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ئادەملىرىنى ئەسىرگە ئالدى. جەنۇبىي پادىشاھلىقتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەپسۇسلىنىپ، شىمالىدىكى قېرىندىشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»دا ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى يېنىدا ئالتۇندىن ياسالغان بىردىن «كېرۇب»، يەنى كۈچلۈك پەرىشتىنىڭ سېيماسى تۇرىدۇ. خۇدا ئەسلىدە ئۆز ھۇزۇرىنىڭ بۇ ئىككى كېرۇب ئوتتۇرىسىدا بولۇشىغا ۋەدە قىلغان.

80:3 زەب. 4‏:6؛ 31‏:16؛ 67‏:1-2؛ دان. 9‏:17

80:6 «بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: ــ «سەن بىزنى قوشنىمىزغا مازاق ئوبيېكتى قىلدىڭ» دېگەن سۆزلەر تېپىلىدۇ.

80:6 زەب. 44‏:13-14؛ 79‏:4

80:8 يەش. 5؛ يەر. 2‏:21؛ ئ‍ەز. 15؛ 17‏:3-10؛ يـۇھ. 15‏:1

80:10 «قۈچلۈق كېدىر دەرەخلىرىدەك..» ــ ياكى «تەڭرىنىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك...».

80:14 «... كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بۇ ئۈزۈم تېلىنى يوقلىغايسەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

80:17 «ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەم... يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلى..» ــ «ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەم»، «ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلى» شۈبھىسىزكى مەسىھ توغرۇلۇق ئالدىنئالا ئېيتىلغان بېشارەتلىك سۆز.

80:17 زەب. 110‏:1؛ دان. 7‏:13، 14؛ مات. 16‏:27؛ ئىبر. 1‏:3؛ 8‏:1؛ 10‏:12؛ 12‏:1؛ 1پېت. 3‏:22