83
83-كۈي •••• دۈشمەنلەرنىڭ سۇيىقەستلىرى ھەققىدە دۇئا
ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ
 
ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالما، ئى خۇدا،
سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرۇۋالما، ئى تەڭرىم!
چۈنكى مانا، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ داۋراڭ قىلماقتا،
ساڭا ئۆچمەنلەر باش كۆتۈرمەكتە.
ئۇلار قۇۋلۇق بىلەن سۇيىقەست قىلار خەلقىڭگە،
قارشى پىلان تۈشُۈشەر سەن قەدىرلىگەنلەرگە.
ئېيتار ئۇلار: ــ «يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئۇلارنى!
ئېلىنمىسۇن ئېغزاىڭغا قايدا نئىسرائىلنىڭ نامىنى!».
ئۇلار ھەمنەپەس، ھەمدىل مەسلىھەتلەشتى؛
ئۇلار ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى.
مانا، ئېدوم ۋە ئىسمائىللارنىڭ چېدىرلىرى،
موئاب ھەم ھاگرىيلار؛
گەبال، ئاممون، ۋە ئامالەك؛
فىلىستىيە ھەمدە تۇر ئاھالىلىرى،
ئاسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى؛
ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى.
سېلاھ. «ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن» ــ «لۇتنىڭ ئوغۇللىرى» موئاب ۋە ئاممون دېگەن خەلقلەر بولۇپ شەكىللەنگەن.
سەن كىشون دەرياسىدا مىدىيانىيلارغا،
سىسېراغا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ،
ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛
10 بۇلار ئەن-دور يېزىسىدا قىرىلغانىدى،
يەر ئۈچۈن تىزەك-ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.
11 ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە،
ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛ «ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، *ۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن» ــ سىسېرا، يابىن، (9-ئايەت) ئورەب، زېئەب، زەباھ ھەم زالمۇنناغا چېتىشلىق ۋەقەلەرنى بىلىش ئۈچۈن «باتۇر ھاكىملار» 7-، 8-بابلارنى كۆرۈڭ.
12 چۈنكى ئۇلار دەپ ئېيتقان: «خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۈلۈك قىلىۋالايلى!».
13 ئى خۇدايىم، ئۇلارنى دومىلىنىدىغان قامغاقتەك،
شامالدا ئۇچۇرۇلغان سامان كەبى سورۇۋەتكەيسەن.
14 ئوت ئورمانلىققا تۇتاشقانغا ئوخشاش،
يالقۇن تاغلارنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش،
15 سەن يەنە ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن قوغلىغايسەن،
قارا قۇيۇنىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالغايسەن؛
16 ئۇلارنىڭ سېنىڭ نامىڭنى ئىزدىشى ئۈچۈن،
ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى شەرم-ھايا بىلەن چۆمدۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار!
17 ئۇلار نومۇستىن ئەبەدىي شەرمەندە بولغاي،
جاھانغا رەسۋا بولۇپ يوقىتىلغاي.
18 ئۇلار بىلسۇنكى،
نامىڭ پەرۋەردىگار بولغان سەنلا پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ ئالىي بولغۇچىدۇرسەن.
 
 

83:8 «ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن» ــ «لۇتنىڭ ئوغۇللىرى» موئاب ۋە ئاممون دېگەن خەلقلەر بولۇپ شەكىللەنگەن.

83:11 «ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، *ۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن» ــ سىسېرا، يابىن، (9-ئايەت) ئورەب، زېئەب، زەباھ ھەم زالمۇنناغا چېتىشلىق ۋەقەلەرنى بىلىش ئۈچۈن «باتۇر ھاكىملار» 7-، 8-بابلارنى كۆرۈڭ.