84
84-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىنى سېغىنىش
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
 
ماكانلىرىڭ نەقەدەر ئەزىزدۇر،
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار! «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ» ــ «گىتتىف»نىڭ مۇمكىنچىلىكى بار بىر مەنىسى: «گات شەھىرىنىڭ سازى».
جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھويلىلىرىغا تەشنا بولۇپ،
سېغىنىپ ھەتتا ھالىدىن كېتار،
دىلىم ۋە ئەتلىرىم ھايات تەڭرىگە تەلمۈرۈپ نىدا قىلار؛ زەب. 42‏:2؛ 63‏:1-2
مانا، قۇچقاچمۇ تاپقان مۇبارەك بىر ماكاننى،
قارلىغاچمۇ ئۆزىگە ھەم بالا تۇغىدىغان ئۇۋا ياسايدىغان جاينى تاپقان،
ــ يەنى سېنىڭ قۇربانگاھلىرىڭدىن،
ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار،
ــ مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم!
سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرۇۋاتقانلار بەختلىكتۇر!
ئۇلار توختىماستىن سېنى مەدھىيىلەيدۇ.
سېلاھ.
كۈچ-قۇدرىتى سەندىن بولغان كىشى بەختلىكتۇر ــ
قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار؛ «...قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار» ــ «كۆتۈرۈلمە يوللار» ــ كۆتۈرۈپ ياسالغان، يېرۇسالېمغا تاۋاپ قىلىدىغان يولۇچىلار ماڭىدىغان يوللار بولسا كېرەك.
يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە،
ئۇلار ئۇنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرار؛
بەرھەق، كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ. «يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە» ــ «يىغا ۋادىسى» ياكى «باكا ۋادىسى». ئىبرانىي تىلىدا «باكا» بىرىنچىدىن «يىغا»نى بىلدۈرىدۇ، ئىككىنچىدىن بىر خىل ئۈجمە دەرىخىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە «يىغلايدىغان دەرەخ» ــ كېسىلگەن بولسا دەرەخ سۈيى يىغلىغاندەك چىقىدۇ. داۋۇت پەيغەمبەر ئىككى قېتىم بىر «باكا ۋادىسى» (يەنى «رەفايىم جىلغىسى»)دا غەلىبە قىلدى ھەم ئاشۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈچ جان-دوستى جېنىنى تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنىڭغا سۇ ئېلىپ كەلدى («2سام.» 5-، 23-بابتا). «كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ» ــ قانائاندا (پەلەستىندە) كۈز يامغۇرلىرى يەرنى ھەيدەش، ھەم ئۇرۇق سېلىشقا تەييار قىلىدۇ.
ئۇلار كۈچىگە-كۈچ ئۇلاپ مېڭىۋېرەر؛
ھەربىرى زىئونغا يېتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛
ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، قۇلاق سالغايسەن!
سېلاھ.
قارا، ئى قالقىنىمىز بولغان خۇدا،
ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن! «ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن!» ــ «مەسىھ قىلغىنى»، 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
10 چۈنكى سېنىڭ ھويلىلىرىڭدا ئۆتكەن بىر كۈن
باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن ئەلادۇر؛
رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرىدە ياشىغاندىن كۆرە،
خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر. «خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇدايىمنىڭ ئۆيىدە ئىشىكباقار بولغىنىم ياخشىدۇر».
11 پەرۋەردىگار خۇدا قۇياش ۋە قالقاندۇر،
پەرۋەردىگار شاپائەت ۋە شان-شۆھرەت بەخش ئېتىدۇ؛
دۇرۇس ماڭغانلاردىن ئۇ ھەرقانداق ئىلتىپاتنى ھېچ ئايىمايدۇ؛
12 ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار،
بەختلىكتۇر ساڭا تايانغان ئىنسان! زەب. 2‏:12؛ 34‏:8
 
 

84:1 «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ» ــ «گىتتىف»نىڭ مۇمكىنچىلىكى بار بىر مەنىسى: «گات شەھىرىنىڭ سازى».

84:2 زەب. 42‏:2؛ 63‏:1-2

84:5 «...قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار» ــ «كۆتۈرۈلمە يوللار» ــ كۆتۈرۈپ ياسالغان، يېرۇسالېمغا تاۋاپ قىلىدىغان يولۇچىلار ماڭىدىغان يوللار بولسا كېرەك.

84:6 «يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە» ــ «يىغا ۋادىسى» ياكى «باكا ۋادىسى». ئىبرانىي تىلىدا «باكا» بىرىنچىدىن «يىغا»نى بىلدۈرىدۇ، ئىككىنچىدىن بىر خىل ئۈجمە دەرىخىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە «يىغلايدىغان دەرەخ» ــ كېسىلگەن بولسا دەرەخ سۈيى يىغلىغاندەك چىقىدۇ. داۋۇت پەيغەمبەر ئىككى قېتىم بىر «باكا ۋادىسى» (يەنى «رەفايىم جىلغىسى»)دا غەلىبە قىلدى ھەم ئاشۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈچ جان-دوستى جېنىنى تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنىڭغا سۇ ئېلىپ كەلدى («2سام.» 5-، 23-بابتا). «كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ» ــ قانائاندا (پەلەستىندە) كۈز يامغۇرلىرى يەرنى ھەيدەش، ھەم ئۇرۇق سېلىشقا تەييار قىلىدۇ.

84:9 «ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن!» ــ «مەسىھ قىلغىنى»، 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.

84:10 «خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇدايىمنىڭ ئۆيىدە ئىشىكباقار بولغىنىم ياخشىدۇر».

84:12 زەب. 2‏:12؛ 34‏:8