97
97-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ سەلتەنىتى كېلىدۇ! 
  1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!  
يەر-زېمىن خۇش بولسۇن،  
كۆپلىگەن ئاراللار شادلانسۇن! ◘زەب. 93:1؛ 96:10   
 2 بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر،  
ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛   
 3 ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ،  
ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛   
 4 ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى،  
يەر-زەمىن بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛ ◘زەب. 77:16-18؛ ۋەھ. 4:5   
 5 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا،  
پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا،  
تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ.   
 6 ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ،  
بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ. ◘زەب. 19:1؛ 50:6   
 7 ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار،  
بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ.  
بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار! ◼«ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەر...» ــ «بۇتلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەسلەر». «بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!» ــ «ئىلاھلار» بۇ يەردە، شۇنداقلا 86-، 95-، 96- ۋە 97-كۈيدە كۆرسىتىلگەندەك، پەرىشتىلەرنى، ياكى بولمىسا بۇتلارنىڭ كەينىدىكى جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ. 3:94 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.   
 8 سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ سەۋەبىدىن، ئى پەرۋەردىگار،  
زىئون ئاڭلاپ شادلاندى،  
يەھۇدا قىزلىرى خۇش بولدى.   
 9 چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛  
سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن!   
 10 پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار!  
ئۇ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالىدۇ،  
رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن خالاس قىلىدۇ. ◘ئام. 5:15؛ رىم. 12:9   
 11 ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر،  
دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛   
 12 پەرۋەردىگاردىن شادلىنىڭلار، ئى ھەققانىيلار،  
ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار!   
◘97:1 زەب. 93:1؛ 96:10
◘97:4 زەب. 77:16-18؛ ۋەھ. 4:5
◘97:6 زەب. 19:1؛ 50:6
◼97:7 «ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەر...» ــ «بۇتلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەسلەر». «بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!» ــ «ئىلاھلار» بۇ يەردە، شۇنداقلا 86-، 95-، 96- ۋە 97-كۈيدە كۆرسىتىلگەندەك، پەرىشتىلەرنى، ياكى بولمىسا بۇتلارنىڭ كەينىدىكى جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ. 3:94 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
◘97:10 ئام. 5:15؛ رىم. 12:9