98
98-كۈي •••• پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا كېلىدۇ! 
  1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار؛  
چۈنكى ئۇ كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى؛  
ئۇنىڭ ئوڭ قولى ھەم مۇقەددەس بىلىكى  
ئۆزىگە زەپەر-نىجات كەلتۈردى.   
 2 پەرۋەردىگار ئۆز نىجاتلىقىنى ئايان قىلدى؛  
ھەققانىيىتىنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا كۆرسەتتى.   
 3 ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىنى ئېسىگە ئالدى،  
زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىمۇ خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆردى.   
 4 پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، پۈتكۈل يەر يۈزى؛  
تەنتەنە قىلىپ ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ناخشا ئېيتىڭلار!   
 5 پەرۋەردىگارغا چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتىڭلار،  
چىلتار بىلەن، كۈينىڭ ساداسى بىلەن!   
 6 كاناي ھەم سۇناي ئاۋازلىرى بىلەن،  
پادىشاھ بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا تەنتەنە قىلىڭلار؛   
 7 دېڭىز-ئوكيان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممە جۇش ئۇرۇپ،  
جاھان ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار شاۋقۇنلىسۇن!   
 8 كەلكۈن-تاشقىنلار چاۋاك چالسۇن؛  
پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغلار قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىپ ناخشا ئېيتسۇن؛   
 9 چۈنكى مانا، ئۇ يەرنى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛  
ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن،  
خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ.