99
99-كۈي •••• مۇقەددەس خۇداغا مەدھىيە 
  1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!  
خەلقلەر تىترىسۇن!  
ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛  
يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن!   
 2 پەرۋەردىگار زىئوندا بۈيۈكتۇر،  
ئۇ بارلىق خەلقلەر ئۈستىدە تۇرىدىغان ئالىيدۇر.   
 3 ئۇلار ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈك نامىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛  
ئۇ پاك-مۇقەددەستۇر!   
 4 پادىشاھنىڭ قۇدرىتى ئادالەتكە بېغىشلانغاندۇر؛  
ئۆزۈڭ دۇرۇسلۇقنى مەھكەم ئورناتقانسەن؛  
سەن ياقۇپ ئارىسىدا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزگەن.   
 5 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار!  
تەختىپەرى ئالدىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار ــ  
ئۇ مۇقەددەستۇر!   
 6 ئۇنىڭ كاھىنلىرى ئارىسىدا مۇسا ۋە ھارۇن بار ئىدى،  
نامىنى چاقىرغانلار ئىچىدە سامۇئىلمۇ ھازىر ئىدى؛  
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، چاقىردى،  
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەردى.   
 7 خۇدا بۇلۇت تۈۋرۈكىدە ئۇلارغا سۆزلىدى؛  
ئۇلار ئۇ تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلىقلارغا ھەم نىزام-بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشاتتى.   
 8 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، سەن ئۇلارغا جاۋاب بەردىڭ؛  
يامان قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بەرگەن بولساڭمۇ،  
سەن ئۇلارنى كەچۈرگۈچى ئىلاھ ئىدىڭ.   
 9 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار!  
ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار!  
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز مۇقەددەستۇر!