100
100-كۈي •••• پۈتكۈل يەر يۈزى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ياڭرىتىڭلار! 
  1 تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ  
ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!   
 2 خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار،  
ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار!   
 3 بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛  
بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!  
بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز،  
ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز. ◼«بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزنى ياراتقان، بىز ئۇنىڭكىدۇرمىز».  ◘زەب. 95:6-7؛ ئەز. 34:30، 31   
 4 دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن،  
ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛  
ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!   
 5 چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛  
ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە،  
ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر!