101
101-كۈي •••• ئادىل پادىشاھ بولۇشقا بەل باغلاش 
  1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
مەن ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ھەم ئادالەت توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىمەن،  
سېنى، ئى پەرۋەردىگار، ناخشىلار بىلەن كۈيلەيمەن.   
 2 مەن مۇكەممەل يولدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىمەن؛  
سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن!؟  
ئۆز ئۆي-ئوردامدا ساپ كۆڭۈل بىلەن يۈرىمەن.   
 3 ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن،  
يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛  
بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا.   
 4 ئەگرى كۆڭۈل مېنىڭدىن يىراق كېتىدۇ،  
ھېچ رەزىللىكنى تونۇغۇم يوقتۇر.   
 5 كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا،  
مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛  
نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛   
 6 كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر،  
ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن!  
كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ.   
 7 ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ،  
يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ.   
 8 پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن،  
ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن. ◼«ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن» ــ دېمەك، داۋۇت ھەر ئەتىگەندە خەلقنىڭ دەۋالىرىنى سوراپ سوت ئاچاتتى. بۇ ئىش مۇكەممەل بولمىغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە داۋۇتنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ بۇنداق ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. داۋۇتنىڭ شۇنداق ئادىل سوراق قىلىشى مەسىھنىڭ كەلگۈسىدىكى سوراق قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ.   
◼101:8 «ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن» ــ دېمەك، داۋۇت ھەر ئەتىگەندە خەلقنىڭ دەۋالىرىنى سوراپ سوت ئاچاتتى. بۇ ئىش مۇكەممەل بولمىغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە داۋۇتنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ بۇنداق ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. داۋۇتنىڭ شۇنداق ئادىل سوراق قىلىشى مەسىھنىڭ كەلگۈسىدىكى سوراق قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ.