113
113-كۈي •••• خۇدا شەپقىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدۇ 
  1 ھەمدۇسانا!  
مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى،  
پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار!   
 2 ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە،  
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي! ◘دان. 2:20   
 3 كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا،  
پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر! ◘مال. 1:11   
 4 پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛  
شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر.   
 5 كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ  
ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ،   
 6 ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن،  
ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟   
 7 نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛  
قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛ ◘1سام. 2:8؛ زەب. 107:41   
 8 ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا،  
يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛   
 9 ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،  
ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ.  
ھەمدۇسانا!