114
114-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقىنىڭ مىسىردىن چىقىشىدا ئۇلارغا نامايان قىلغان ئۇلۇغلۇقى 
  1 ئىسرائىل مىسىردىن،  
ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا، ◘مىس. 13:3   
 2 شۇ چاغدا يەھۇدا خۇدانىڭ مۇقەددەس جايى،  
ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى،   
 3 دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى،  
ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛   
 4 تاغلار قوچقارلاردەك،  
دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى.   
 5 ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟  
ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟   
 6 تاغلار قوچقارلاردەك،  
دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟   
 7 ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن،  
ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛   
 8 ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە،  
چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. ◼«ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ» ــ «چاقماق تېشى» تاشلار ئىچىدە ئەڭ قاتتىق تاش ھېسابلىنىدۇ. «قان.» 15:8نى كۆرۈڭ.  ◘مىس. 17:6؛ چۆل. 20:11