115
115-كۈي •••• بۇتلارغا چوقۇنغانلار ھەم خۇداغا ئىبادەت قىلغانلار
بىزگە ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە ئەمەس ــ
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن،
ئۆز نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەيسەن.
ئەللەر نېمىشقا «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟
بىراق خۇدايىمىز بولسا ئەرشلەردىدۇر؛
نېمىنى خالىسا، ئۇ شۇنى قىلغاندۇر.
ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەت كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەت،
ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغىنىدۇر، خالاس.
ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىيەلمەيدۇ؛
كۆزلىرى بار، كۆرمەيدۇ؛قان. 4‏:28؛ يەر. 10‏:5،4،3، 9-16
قۇلاقلىرى بار، ئاڭلىمايدۇ،
بۇرنى بار، پۇرىيالمايدۇ؛
قوللىرى بار، سىلىيالمايدۇ؛
پۇتلىرى بار، ماڭالمايدۇ؛
كانىيىدىن ھېچبىر سادا چىقارمايدۇ.
ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاشتۇر،
ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر.
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛
ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچىڭلار ھەم قالقىنىڭلاردۇر.
10 ئى ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛
ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم سىلەرنىڭ قالقىنىڭلاردۇر.«ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم سىلەرنىڭ قالقىنىڭلاردۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئۇلارغا ياردەم قىلغۇچى ھەم ئۇلارنىڭ قالقىنىڭلاردۇر» دېيىلىدۇ. 10-11-ئايەتلەردىمۇ شۇنداق.
11 پەردەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛
ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم قالقىنىڭلاردۇر.
12 پەرۋەردىگار بىزنى ئەسلەپ كەلدى؛
ئۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ؛
ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛
ئۇ ھارۇن جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛
13 پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارغا،
چوڭلىرى ھەم كىچىكلىرىگىمۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ.
14 پەرۋەردىگار سىلەرگە قوشلاپ بېرىدۇ،
سىلەرگە ھەم پەرزەنتلىرىڭلارغا؛
15 سىلەرگە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان،
ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىن بەرىكەتلەنگەن!
16 ئاسمانلار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرىدۇر؛
بىراق زېمىننى بولسا ئىنسان بالىلىرىغا تاپشۇرغاندۇر.
17 ئۆلۈكلەر ياھنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ،
سۈكۈت دىيارىغا چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ شۇنداق؛
18 بىراق بىزلەر ھازىردىن باشلاپ ياھقا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمىز!
ھەمدۇسانا!
 
 

115:5 قان. 4‏:28؛ يەر. 10‏:5،4،3، 9-16

115:10 «ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم سىلەرنىڭ قالقىنىڭلاردۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئۇلارغا ياردەم قىلغۇچى ھەم ئۇلارنىڭ قالقىنىڭلاردۇر» دېيىلىدۇ. 10-11-ئايەتلەردىمۇ شۇنداق.