121
121-كۈي •••• رەب ھىمايە قىلغۇچىمدۇر 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»  
كۆزلىرىمنى تاغلار تەرەپكە كۆتۈرۈپ قارايمەن؛  
مېنىڭ ياردىمىم قەيەردىن كېلۇر؟   
 2 مېنىڭ ياردىمىم پەرۋەردىگاردىندۇر؛  
ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىندۇر.   
 3 ئۇ پۇتۇڭنى ھېچ تېيىلدۇرمايدۇ؛  
سېنى ساقلىغۇچى ھېچ مۈگدىمەيدۇ!   
 4 مانا، قارا، ئىسرائىلنى ساقلىغۇچى ھەم مۈگدىمەيدۇ، ھەم ئۇخلىمايدۇ!   
 5 پەرۋەردىگار سېنىڭ ساقلىغۇچىڭدۇر؛  
پەرۋەردىگار ئوڭ يېنىڭدىكى سايىۋەندۇر.   
 6 قۇياش كۈندۈزدە، ئاي كېچىدە ساڭا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛   
 7 پەرۋەردىگار بارلىق يامانلىقتىن سېنى ساقلايدۇ؛  
ئۇ جېنىڭنى ساقلايدۇ؛   
 8 پەرۋەردىگار چىقىشىڭنى، كىرىشىڭنى،  
بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدىلئەبەدگىچە ساقلايدۇ.