122
122-كۈي •••• يېرۇسالېمنىڭ بەختىدىن خۇشال بولۇش 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»  
ئۇلار ماڭا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقايلى» ــ دېگىنىدە،  
شادلاندىم.   
 2 پۇتلىرىمىز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا نېسىپ بولدى، ئى يېرۇسالېم!   
 3 ئى يېرۇسالېم، سەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ رەتلىك سېلىنغان بىر شەھەردۇرسەن؛   
 4 قەبىلىلەر ئۇ يەرگە چىقىدۇ،  
ياھنىڭ قەبىلىلىرى چىقىدۇ؛  
ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە،  
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن چىقىدۇ. ◼«قەبىلىلەر.. . ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە... چىقىدۇ» ــ بۇ يوليورۇق-كۆرسەتمە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. ھېيت كۈنلىرىدە (يىلدا ئۈچ قېتىم) ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئەركەكلىرى (قىز-ئاياللار ئىختىيارەن) يېرۇسالېمغا چىقىپ ئىبادەت قىلىشى كېرەك ئىدى.   
 5 چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈم چىقىرىشقا تەختلەر سېلىندى،  
داۋۇتنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە تەختلەر سېلىندى.   
 6 يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار؛  
سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپىدۇ. ◼«يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «يېرۇشالوم»نىڭ «شالوم»ى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار». «شالوم» «تىنچ-ئامانلىق»، «يېرۇشالوم» بولسا «تىنچ-ئامانلىق شەھەر» دېگەن مەنىدە (ئىبرانىي تىلىدا «شالوم»، ئەرەب تىلىدا «سالام»).   
 7 ئىستىھكاملىرىڭ ئىچىدە ئامان-خاتىرجەملىك بولسۇن،  
ئوردىلىرىڭ ئىچىدە ئاۋات-ئاراملىق بولسۇن!   
 8 قېرىنداشلىرىم ھەم يار-بۇرادەرلىرىم ئۈچۈن،  
مەن: «ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىڭدە بولسۇن» ــ دەيمەن.   
 9 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن،  
سېنىڭ روناق تېپىشىڭغا ئىنتىلىمەن!   
◼122:4 «قەبىلىلەر.. . ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە... چىقىدۇ» ــ بۇ يوليورۇق-كۆرسەتمە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. ھېيت كۈنلىرىدە (يىلدا ئۈچ قېتىم) ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئەركەكلىرى (قىز-ئاياللار ئىختىيارەن) يېرۇسالېمغا چىقىپ ئىبادەت قىلىشى كېرەك ئىدى.
◼122:6 «يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «يېرۇشالوم»نىڭ «شالوم»ى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار». «شالوم» «تىنچ-ئامانلىق»، «يېرۇشالوم» بولسا «تىنچ-ئامانلىق شەھەر» دېگەن مەنىدە (ئىبرانىي تىلىدا «شالوم»، ئەرەب تىلىدا «سالام»).