123
123-كۈي •••• زور خارلىق ئاستىدا 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»  
ئى ئەرشلەردە تۇرغۇچىسەن،  
ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ ◼«ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ساڭا كۆزلىرىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن».  ◘زەب. 115:3   
 2 مانا، قۇللىرىڭنىڭ كۆزى ئۆز خوجايىنىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا،  
دېدەكلەرنىڭ كۆزى ئۆز ساھىبەسىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا،  
بىزنىڭ كۆزىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا شۇنداق قارايدۇ.  
تا بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە قارايدۇ.   
 3 بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار،  
بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن؛  
چۈنكى بىز يەتكۈچە خورلۇق تارتقانمىز.   
 4 جېنىمىز غوجاملارنىڭ مازاقلىرىنى،  
ھاكاۋۇرلارنىڭ خورلۇقلىرىنى يەتكۈچە تارتقاندۇر.