124
124-كۈي •••• قۇتۇلۇش ئۈچۈن رەھمەتلەر 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»  
ئەگەر بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا،  
ــ ئاھ، ئىسرائىل شۇنداق دېسۇن ــ   
 2 بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا،  
كىشىلەر بىزگە ھۇجۇمغا قوزغالغاندا،   
 3 ئۇلارنىڭ غەزىپى بىزگە تۇتاشقاندا،  
ــ شۇ چاغدا ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەتتى؛   
 4 شۇ چاغدا سۇلار بىزنى غەرق قىلىۋېتەتتى؛  
كەلكۈن بېشىمىزدىن ئۆتەتتى؛   
 5 داۋالغۇغان سۇلار بېشىمىزدىن ئۆتەتتى!   
 6 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي!  
ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا ئوۋ بولۇشقا بىزنى قويۇپ بەرمىدى.   
 7 جېنىمىز تۇتقۇچىلارنىڭ باسمىقىدىن قېچىپ چىققان قۇشتەك قاچتى؛  
باسماق سۇندۇرۇلۇپ، بىز قاچتۇق! ◘پەند. 6:5   
 8 ئېرىشكەن ياردىمىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىدۇر،  
ئاسمان-زېمىن ياراتقۇچىنىڭ نامىدىدۇر! ◘زەب. 121:2