125
125-كۈي •••• خۇدانىڭ زور ھىمايىسى 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»  
پەرۋەردىگارغا تايانغانلار زىئون تېغىدەكتۇر؛  
ئۇنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ،  
ئۇ مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ.   
 2 يېرۇسالېم! تاغلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورۇغان،  
ھەم پەرۋەردىگار ھازىردىن تا ئەبەدگىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئەتراپىنى ئورايدۇ.   
 3 چۈنكى رەزىللەرنىڭ ھوقۇق ھاسىسى ھەققانىيلارنىڭ نېسىۋىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قالماس؛  
بولمىسا ھەققانىيلارمۇ قوللىرىنى قەبىھلىككە ئۇزارتىشى مۇمكىن.   
 4 پەرۋەردىگار، مېھرىبانلارغا مېھرىبانلىق قىلغايسەن؛  
كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ شۇنداق بولسۇن.   
 5 بىراق ئەگرى يوللارغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى بولسا،  
پەرۋەردىگار ئۇلارنى قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن تەڭ شاللايدۇ.  
ئىسرائىلغا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!