127
127-كۈي •••• خۇدا بەرگەن نېسىۋەنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ سۇلايمان يازغان كۈي: ــ  
پەرۋەردىگار ئۆزى ئۆي سالمىسا،  
سالغۇچىلار بىكاردىن-بىكار ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرىدۇ؛  
پەرۋەردىگار شەھەرنى ساقلىمىسا،  
كۆزەتچىلەر بىكاردىن-بىكار ئويغاق تۇرىدۇ.   
 2 سىلەرنىڭ سەھەردە ئورنۇڭلاردىن قوپۇشۇڭلار،  
كەچ بولغاندا يېتىشىڭلار،  
جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر؛  
چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ. ◼«جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جاپا-مۇشەققەت بىلەن تاپقان ناننى يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر». «چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇخلىغان ۋاقتىدا بېرىدۇ».   
 3 مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر،  
بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛   
 4 ياشلىقتا تاپقان بالىلار،  
باتۇرنىڭ قولىدىكى ئوقلاردەك بولىدۇ.   
 5 ئوقدېنى مۇشۇلار بىلەن تولغان ئادەم بەختلىكتۇر؛  
شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا،  
ئۇلار يەرگە قاراپ قالمايدۇ. ◼«شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا» ــ «شەھەر دەرۋازىسى» خالايىق يىغىن ئاچىدىغان، جەم بولىدىغان جاي ئىدى.   
◼127:2 «جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جاپا-مۇشەققەت بىلەن تاپقان ناننى يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر». «چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇخلىغان ۋاقتىدا بېرىدۇ».
◼127:5 «شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا» ــ «شەھەر دەرۋازىسى» خالايىق يىغىن ئاچىدىغان، جەم بولىدىغان جاي ئىدى.