128
128-كۈي •••• خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشىنىڭ بەختلىكى 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»  
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار،  
ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرى بەختلىكتۇر!   
 2 چۈنكى سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ئەجرىنى يەيسەن؛  
بەختلىك بولىسەن، روناق تاپىسەن؛   
 3 ئايالىڭ بولسا ئۆيۈڭ ئىچىدە مېۋىلىك ئۈزۈم تېلىدەك بولىدۇ؛  
بالىلىرىڭ داستىخانىڭنى چۆرىدەپ، زەيتۇن دەرەخلىرىدەك تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ؛   
 4 مانا، پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشى شۇنداق بەختنى كۆرىدۇ.   
 5 پەرۋەردىگار ساڭا زىئون تېغىدىن بەخت ئاتا قىلغاي؛  
سەن ئۆمرۈڭ بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ئاۋاتلىقىنى كۆرگەيسەن؛   
 6 پەرزەنتلىرىڭنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرگەيسەن؛  
ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق بولغاي!