129
129-كۈي •••• ئۇزۇن داۋام قىلغان جاپا-مۇشەققەتنى ئەسلەش 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»  
«ياشلىقىمدىن تارتىپ ئۇلار كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى» ــ  
ــ ئاھ، ئىسرائىل ھازىر بۇنى دېسۇن ــ   
 2 «ئۇلار ياشلىقىمدىن تارتىپ كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى،  
بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلغان ئەمەس.   
 3 قوش ھەيدىگۈچىلەر دۈمبەمدە ھەيدىگەن،  
چۆنەكلىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن تارتقان».   
 4 پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛  
ئۇ رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى؛   
 5 ئۇلار شەرمەندە بولۇپ ئارقىسىغا ياندۇرۇلسۇن،  
زىئوندىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى!   
 6 ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىققان چۆپتەك بولغاي؛  
ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سولىشىپ كېتىدىغان؛ ◘ئايۇپ 8:12؛ 40:10   
 7 ئوت-چۆپ ئورىغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر تۇتاممۇ چىقمايدۇ؛  
باغ باغلىغۇچىغا بىر قۇچاقمۇ چىقمايدۇ؛   
 8 ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛  
پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ. ◼«ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.» ــ دېمەك، مۇشۇ كۈيدىكى 4- ھەم 5-ئايەتنىڭ مەنىسى: رەزىل كىشىلەردىن ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچ ياخشىلىق ياكى بەخت-خۇشاللىق كەلمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشمەيدۇ.   
◘129:6 ئايۇپ 8:12؛ 40:10
◼129:8 «ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.» ــ دېمەك، مۇشۇ كۈيدىكى 4- ھەم 5-ئايەتنىڭ مەنىسى: رەزىل كىشىلەردىن ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچ ياخشىلىق ياكى بەخت-خۇشاللىق كەلمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشمەيدۇ.