130
130-كۈي •••• ئازابلىق پەرياد 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»  
چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛   
 2 ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛  
قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛   
 3 ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ،  
ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟ ◘زەب. 143:2   
 4 بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛  
شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ. ◘2سام. 24:14   
 5 پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛  
جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛  
ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم. ◘زەب. 27:14؛ 40:1؛ 62:1؛ ھاب. 2:3   
 6 تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق،  
بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق،  
جېنىم رەبگە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە. ◘زەب. 5:3؛ 119:147؛ 123:1، 2   
 7 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛  
چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛  
ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛   
 8 ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ.