131
131-كۈي •••• كەمتەرلىككە ئىنتىلىش 
  1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس،  
نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛  
مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ،  
ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛ ◘2تار. 32:25؛ زەب. 101:4-5؛ پەند. 6:17؛ 16:5   
 2 بەرھەق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقان ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەك،  
ئۆز جېنىمنى بېسىۋېلىپ تىنچلاندۇردۇم؛  
كۆڭلۈم ئىچىمدە ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەكتۇر.   
 3 ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن؛  
ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە!