136
136-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار!
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇ مېھرىباندۇر؛
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ «ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار» ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
رەبلەرنىڭ رەببىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
زور كارامەتلەرنى بىردىنبىر يۈرگۈزگۇچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ئاسمانلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ يار. 1‏:1
زېمىننى سۇلار ئۈستىدە سوزۇپ تۇرغۇزغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ زەب. 24‏:1-2
ئۇلۇغ نۇر جىسىملىرىنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ يار. 1‏:14
كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان قۇياشنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ يار. 1‏:16
كېچىنى باشقۇردىغان ئاي ھەم يۇلتۇزلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
10 ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنى ئۇرۇپ، مىسىرغا زەرب بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ مىس. 12‏:29؛ زەب. 78‏:43،51
11 ئىسرائىلنى ئۇلار ئارىسىدىن چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ مىس. 12‏:31،51؛ 13‏:3،17
12 كۈچلۈك قول ھەم ئۇزاتقان بىلەك بىلەن ئۇلارنى چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ مىس. 6‏:6
13 قىزىل دېڭىزنى بۆلەك-بۆلەك بۆلگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ مىس. 14‏:21،22؛ زەب. 78‏:13
14 ھەم ئىسرائىلنى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
15 قىزىل دېڭىزدا پىرەۋننى قوشۇنلىرى بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ مىس. 14‏:24
16 ئۆز خەلقىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ مىس. 15،16،17،19؛ زەب. 78‏:52
17 بۈيۈك پادىشاھلارنى ئۇرۇۋەتكۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ چۆل. 21‏:24،25،34،35؛ يە. 12‏:1؛ زەب. 135‏:10،11
18 ھەم مەشھۇر پادىشاھلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
19 جۈملىدىن ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
20 ــ ھەم باشان پادىشاھى ئوگنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ قان. 3‏:1-7
21 ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس ئۈچۈن بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ يە. 12‏:6
22 بۇنى بەندىسى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
23 ھالىمىز خاراب ئەھۋالدا، بىزلەرنى ئەسلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
24 بىزنى ئەزگەنلەردىن قۇتۇلدۇرغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
25 بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە ئوزۇق بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
26 ئەرشلەردىكى تەڭرىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!
 
 

136:2 «ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار» ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

136:5 يار. 1‏:1

136:6 زەب. 24‏:1-2

136:7 يار. 1‏:14

136:8 يار. 1‏:16

136:10 مىس. 12‏:29؛ زەب. 78‏:43،51

136:11 مىس. 12‏:31،51؛ 13‏:3،17

136:12 مىس. 6‏:6

136:13 مىس. 14‏:21،22؛ زەب. 78‏:13

136:15 مىس. 14‏:24

136:16 مىس. 15،16،17،19؛ زەب. 78‏:52

136:17 چۆل. 21‏:24،25،34،35؛ يە. 12‏:1؛ زەب. 135‏:10،11

136:20 قان. 3‏:1-7

136:21 يە. 12‏:6