137
137-كۈي •••• بابىلدا سۈرگۈن بولۇشنىڭ دەرد-ئەلىمى 
  1 بابىلدىكى دەريا-ئېرىقلار بويىدا بىز ئولتۇردۇق؛  
زىئوننى ئەسلىگىنىمىزدە، بەرھەق يىغا كۆتۈردۇق؛   
 2 چىلتارىمىزنى ئارىسىدىكى سۆگەتلەرگە ئېسىپ قويدۇق.   
 3 چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار بىزدىن ناخشا تەلەپ قىلدى؛  
بىزنى زارلاتقۇچىلار بىزدىن تاماشا تەلەپ قىلىپ: ــ  
«ھەي، زىئون ناخشىلىرىدىن بىرنى بىزگە ئېيتقىنا» ــ دېيىشتى. ◘زەب. 79:1   
 4 ياقا يۇرتتا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ناخشىسىنى قانداقمۇ ئېيتايلى؟   
 5 ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى ئۇنتۇسام،  
ئوڭ قولۇم ماھارىتىنى ئۇنتۇسۇن! ◼«ئوڭ قولۇم ماھارىتىنى ئۇنتۇسۇن!» ــ ياكى «ئوڭ قولۇمنى ئۇنتۇغان بولسام!».   
 6 سېنى ئەسلىمىسەم،  
ــ يېرۇسالېمنى ئەڭ چوڭ خۇرسەنلىكىمدىن ئەۋزەل كۆرمىسەم ــ  
تىلىم تاڭلايىمغا چاپلىشىپ قالسۇن!   
 7 ئى پەرۋەردىگار، ئېدوم بالىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا، يېرۇسالېمنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن؛  
چۈنكى ئۇلار: «ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار،  
ئۇلىغىچە يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار!» دېيىشتى. ◘يەر. 49:7؛ ئەز. 25:12   
 8 ئى بۇلىنىش ئالدىدا تۇرغان بابىل قىزى،  
بىزگە قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر! ◘يەر. 50:15،29؛ ۋەھ. 18:6   
 9 بوۋاقلىرىڭنى ئېلىپ تاشقا ئاتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!