138
138-كۈي •••• شەپقەتكە رەھمەتلەر 
  1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛  
بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن. ◼«بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن» ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.   
 2 پاك-مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن،  
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛  
چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن. ◼«چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى سەن ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ھەم ۋەدەڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلدىڭ». لېكىن بىزنىڭچە مەنىسى شۇكى، خۇداغا نىسبەتەن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇش ھەتتا نام-شۆھرىتىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.   
 3 ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛  
جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن.   
 4 ئاغزىڭدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئى پەرۋەردىگار،  
جاھاندىكى بارلىق شاھلار سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛   
 5 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ ناخشا ئېيتىدۇ،  
چۈنكى ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى.   
 6 چۈنكى پەرۋەردىگار ئالىيدۇر؛  
بىراق ئۇ ھالى بوشلارغا نەزەر سالىدۇ؛  
تەكەببۇلارنى بولسا ئۇ يىراقتىن تونۇپ يېتىدۇ. ◘زەب. 113:4-7   
 7 زۇلمەت-مۇشەققەتلەر ئارىسىدا ماڭغان بولساممۇ،  
سەن مېنى جانلاندۇرىسەن؛  
دۈشمەنلىرىمنىڭ غەزىپىنى توسۇشقا قولۇڭنى ئۇزارتىسەن،  
ئوڭ قولۇڭ مېنى قۇتقۇزىدۇ.   
 8 پەرۋەردىگار ماڭا تەۋە ئىشلارنى پۈتكۈزىدۇ؛  
مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈلۈكتۇر؛  
ئۆز قوللىرىڭ ياسىغاننى تاشلاپ كەتمىگەيسەن!   
◼138:1 «بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن» ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
◼138:2 «چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى سەن ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ھەم ۋەدەڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلدىڭ». لېكىن بىزنىڭچە مەنىسى شۇكى، خۇداغا نىسبەتەن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇش ھەتتا نام-شۆھرىتىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.
◘138:6 زەب. 113:4-7