142
142-كۈي •••• يار-يۆلەكسىزلىكتىكى دۇئا 
  1 داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ  
مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛  
پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛ ◼«داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ....» ــ داۋۇت پەيغەمبەر سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئىككى قېتىم غاردا يوشۇرۇنغان ۋاقتىدىكى ۋەقەلەر «تەۋرات، «1سام.» 22- ھەم 24-بابتا يېزلىغان.   
 2 ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛  
ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن.   
 3 روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا،  
شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛  
مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى. ◘زەب. 77:3   
 4 ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛  
ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛  
پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛  
ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ.   
 5 مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛  
ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن،  
تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم. ◘زەب. 16:5   
 6 مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛  
چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛  
مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛  
چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر. ◘زەب. 41:2؛ 79:8؛ 116:6   
 7 سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن،  
جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛  
ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛  
چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن.