143
143-كۈي •••• روھىم تۈگىشەي دەپ قالدى! 
  1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛  
يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛  
ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن.   
 2 ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛  
چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ. ◘رىم. 3، 4؛ گال. 3، 4   
 3 چۈنكى دۈشمەن جېنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقتا،  
ئۇ ھاياتىمنى دەپسەندە قىلدى؛  
مېنى خۇددى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك،  
قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.   
 4 شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛  
ئىچىمدە قەلبىم سۇندى.   
 5 مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەيمەن؛  
سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛  
قوللىرىڭ ئىشلىگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن. ◘زەب. 77:5-12   
 6 قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛  
جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر.  
سېلاھ.   
 7 ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛  
روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛  
دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛  
بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن.   
 8 مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛  
چۈنكى تايانغىنىم سەن؛  
مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛  
چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ ◘زەب. 25:1   
 9 مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن؛  
باشپاناھ ئىزدەپ سېنىڭ يېنىڭغا قاچىمەن.   
 10 ئۆز ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىشىمغا مېنى ئۆگەتكەيسەن؛  
چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن؛  
سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي؛ ◼«...مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي» ــ ياكى «... مېنى تۈز كۆڭۈللەرنىڭ زېمىنىدا يېتەكلىگەي»، «... مېنى دىيانەتلىك زېمىندا يېتەكلىگەي».   
 11 ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛  
ئۆز ھەققانىيىتىڭدە جېنىمنى ئاۋارىچىلىكتىن ئازاد قىلغايسەن.   
 12 ھەم مېھىر-شەپقىتىڭدە دۈشمەنلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەيسەن؛  
جېنىمنى خار قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغايسەن؛  
چۈنكى مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن. ◘زەب. 86:14-16؛ 116:16