145
145-كۈي •••• خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى كېيىنكى ئەۋلادقا بايان قىلىش •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي 
  1 مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
|א| مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛  
نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن.   
 2 |ב| ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن،  
نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيە ئوقۇيمەن!   
 3 |ג| ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر!  
ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛ ◘ئايۇپ 5:9؛ زەب. 48:1؛ 96:4؛ 150:2   
 4 |ד| بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛  
ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛ ◘قان. 4:9؛ 6:7   
 5 |ה| مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى،  
ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛   
 6 |ו|: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛  
مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن!   
 7 |ז| ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ،  
ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ. ◘زەب. 119:171-172   
 8 |ח| پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛  
ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛ ◘مىس. 34:6، 7؛ چۆل. 14:18؛ زەب. 86:15؛ 103:8   
 9 |ט| پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛  
ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛   
 10 |י| سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار،  
سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ.   
 11 |כ| ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ،  
كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛   
 12 |ל| شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ،  
پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ.   
 13 |מ| سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر،  
سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر. ◼«ئىزاھات» ــ يېقىندا بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردىن 13- ۋە 14-ئايەتنىڭ ئارىلىقىدا: ــ 
« נ پەرۋەردىگار ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ بارلىق ياراتقانلىرىغا مېھرىباندۇر» دېگەن مەزمۇن بولغان يەنە بىر نۇسخىسى تېپىلغان (ئىبرانىي تىلىدا «نۇن» بىلەن باشلىنىدۇ).
« נ پەرۋەردىگار ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ بارلىق ياراتقانلىرىغا مېھرىباندۇر» دېگەن مەزمۇن بولغان يەنە بىر نۇسخىسى تېپىلغان (ئىبرانىي تىلىدا «نۇن» بىلەن باشلىنىدۇ).
 14 |ס| پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ،  
ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ.   
 15 |ע| ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛  
ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛ ◘زەب. 104:27   
 16 |פ| قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا،  
بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن.   
 17 |צ| پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر،  
ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر.   
 18 |ק| پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر،  
ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛   
 19 |ר| ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛  
ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.   
 20 |ש| پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛  
رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ.   
 21 |ת| ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛  
بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي!   
◘145:3 ئايۇپ 5:9؛ زەب. 48:1؛ 96:4؛ 150:2
◘145:4 قان. 4:9؛ 6:7
◘145:7 زەب. 119:171-172
◘145:8 مىس. 34:6، 7؛ چۆل. 14:18؛ زەب. 86:15؛ 103:8
◼145:13 «ئىزاھات» ــ يېقىندا بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردىن 13- ۋە 14-ئايەتنىڭ ئارىلىقىدا: ــ « נ پەرۋەردىگار ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ بارلىق ياراتقانلىرىغا مېھرىباندۇر» دېگەن مەزمۇن بولغان يەنە بىر نۇسخىسى تېپىلغان (ئىبرانىي تىلىدا «نۇن» بىلەن باشلىنىدۇ).
◘145:15 زەب. 104:27