146
146-كۈي •••• خۇدا مەدھىيىلەنسۇن! 
  1 ھەمدۇسانا!  
ئى جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلە!   
 2 مەن ھايات بولساملا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن؛  
ۋۇجۇدۇم بار بولسىلا خۇدايىمغا كۈي ئېيتىمەن.   
 3 ئېسىلزادىلەرگىمۇ،  
ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار،  
ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر. ◘زەب. 118:8، 9   
 4 مانا، ئۇنىڭ نەپىسى كېتىدۇ،  
ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ؛  
شۇ كۈندىلا ئارزۇ-نىيەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ. ◼«ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئادەم» ھەم «تۇپراق، توپا» بىر سۆزدۇر.   
 5 ياقۇپنىڭ تەڭرىسى مەدەتكارى بولغان ئادەم،  
پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۆز ئۈمىدى قىلغان ئادەم بەختلىكتۇر!   
 6 ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى،  
دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛  
ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛   
 7 ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛  
ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ.  
پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛   
 8 پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛  
پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛  
پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ. ◘زەب. 145:14؛ 147:3؛ مات. 9:30؛ لۇقا 13:13؛ يـۇھ. 9:7،32   
 9 پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛  
يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛  
بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ.   
 10 پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛  
ئى زىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ!  
ھەمدۇسانا! ◘مىس. 15:18؛ زەب. 145:13