تىتۇسقا
1
روسۇل پاۋلۇس تىتۇسقا يازغان مەكتۇپ •••• سالام
خۇدانىڭ تاللىغانلىرىغا ئامانەت بولغان ئېتىقاد ۋە ئىخلاسمەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقەتنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن، خۇدانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ساڭا سالام ــ «خۇدانىڭ تاللىغانلىرىغا ئامانەت بولغان ئېتىقاد ۋە ئىخلاسمەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقەتنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن...» ــ بۇ سۆز بولسا: (1) خۇدانىڭ ئۆزى تاللىغان خەلقىگە تاپشۇرغان ئۆزگەرمەس ئېتىقادقا مۇۋاپىق، خۇدانىڭ ئۇنىڭدا بولغان مەقسىتى ئۈچۈن؛ (2) خۇدانىڭ تاللىغانلىرىنى مۇشۇ ئېتىقادقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن؛ (3) خۇدانىڭ تاللىغانلىرىنىڭ ئېتىقادىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن دېگەن ئۈچ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. (بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛ چۆل. 23‏:19؛ رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ 2تىم. 2‏:13؛ 1پېت. 1‏:20. لېكىن ھازىر ۋەدىسىنىڭ ۋاقتى كېلىپ قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا بۇنىڭ كالام-خەۋىرىنى ئۆز ئەمرى بىلەن ماڭا تاپشۇرغان جاكار ئارقىلىق ئاشكارىلىدى) روس. 20‏:24؛ 2كور. 2‏:12؛ 7‏:14؛ 8‏:6،16؛ گال. 1‏:1؛ 2‏:3. ــ ئورتاق ئېتىقادىمىزدا ئۆز ئوغلۇم بولغان تىتۇسقا سالام! خۇدائاتىمىز ۋە نىجاتكارىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! «ئورتاق ئېتىقادىمىزدا ئۆز ئوغلۇم بولغان تىتۇسقا...» ــ بۇ ئىبارە شۈبھىسىز شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تىتۇس خۇش خەۋەرنى ئەسلىدە پاۋلۇستىن ئاڭلىغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ھاياتقا ئېرىشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن (پاۋلۇس باشقا يەرلەردە كۆپ ئېيتقىنىدەك) روھىي جەھەتتىن تىتۇسنى خۇش خەۋەر ئارقىلىق «تۇغدى» ۋە ئۇنىڭغا روھىي جەھەتتىن ئاتىدەك بولدى.   ئ‍ەف. 1‏:2؛ كول. 1‏:2؛ 2تىم. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2.
 
تىتۇسنىڭ كرېت ئارىلىدىكى خىزمىتى
سېنى كرېت ئارىلىدا قالدۇرۇشتىكى سەۋەب، ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ھەر شەھەردە ساڭا تاپىلىغىنىمدەك جامائەتكە ئاقساقاللارنى تەيىنلىشىڭ ئۈچۈن ئىدى. 2تىم. 2‏:2. ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق، پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ۋە ئىشلىرىدا شاللاقلىق قىلىدىغان ياكى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنمايدىغان ئەيىبلىرى بولمىغان بولۇشى كېرەك. «ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق... بولۇشى كېرەك» ــ «بىر ئاياللىق» ياكى «بىر ئايالنىڭ ئېرى»، بەلكىم «ئۆز ئايالىغا سادىق» دېگەن مەنىدە. بۇ توغرۇلۇق «تىموتىيغا (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ... كېرەك» ــ ياكى، «پەرزەنتلىرى بولسا سادىق بولۇشى... كېرەك».   1تىم. 3‏:2.
چۈنكى جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ ئائىلىسىگە غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس، تېرىككەك ئەمەس، ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس، « جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ ئائىلىسىگە غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس...» ــ «باشباشتاق» ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز «شەخسىيەتچى، مەنمەنچى» دېگەن مەنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس...» ــ «نەپسانىيەتچى» گرېك تىلىدا «ئۆزىنى بۇلغايدىغان نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلگەن» دېگەن بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزگە قارىغاندا، پۇل ۋە مال-دۇنيانى قوغلىشىش ئىنساننى ھارام قىلىپ بۇلغايدۇ. بۇ تېما توغرىسىدا يەنە «لۇقا» 9:16-11 ۋە شۇ ئايەتلەردىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «لۇقا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى 16-باب توغرۇلۇق «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا» دېگەن مەزمۇننى كۆرۈڭ.   لاۋ. 10‏:9؛ مات. 24‏:45؛ 1كور. 4‏:1؛ ئ‍ەف. 5‏:18؛ 1تىم. 3‏:3،15؛ 1پېت. 5‏:2. بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم. «بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم» ــ گرېك تىلىدا «ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1تىم. 3‏:2. ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، تاپشۇرۇلغان تەلىمدىكى ئىشەنچلىك كالام-سۆزدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. «ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن...» ــ «ساغلام تەلىم» بولسا پاۋلۇسنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىبارىسى. خۇدادىن كەلگەن تەلىم ھەقىقەت، توغرا ئەلۋەتتە، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلاردا ساق، ساغلام روھىي ھاياتنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە قۇۋۋەتلەيدۇ.
10 چۈنكى ھازىر بىمەنە سۆز قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار. «... كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار» ــ «خەتنىلىكلەردىن چىققانلار» يەھۇدىيلار ياكى ئەسلىدە يەھۇدىيلارنىڭ «سىناگوگ»ىغا قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن خەتنە قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار «خەتنىلىكلەر»نى خەتنىلىكنى قوبۇل قىلىش كېرەك دەپ تەلىم بەرگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى 11-ئايەتكە قارىغاندا ئۇلارنىڭ ھەرتۈرلۈك زىيانلىق تەلىملىرى بار ئىدى.   روس. 15‏:1. 11 ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىش كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار ھارام دۇنيانى دەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىلەرنى نابۇت قىلماقتا. «ئۇلار ھارام دۇنيانى دەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىلەرنى نابۇت قىلماقتا» ــ «ھارام دۇنيانى دەپ»: ــ تەلىم (مەيلى توغرا بولسۇن، ناتوغرا بولسۇن) بېرىشتىكى مەقسەت دۇنياغا ئېرىشىش بولسا بەرىبىر ھارام ئىش بولىدۇ، ئەلۋەتتە.   مات. 23‏:14؛ 2تىم. 3‏:6. 12 شۇلاردىن بىرى، يەنى كرېت ئارىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبىرى: «كرېتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغانلار، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن تويماسلاردۇر» دېگەن. «شۇلاردىن بىرى، يەنى كرېت ئارىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبىرى: «كرېتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغانلار، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن تويماسلاردۇر» دېگەن» ــ كرېتلىق شائىر ئېپىمېنىدىس، مىلادىيەدىن ئىلگىرى ئالتىنچى ئەسىردە يازغان شېئىر. «ھۇرۇن تويمىغۇرلار» گرېك تىلىدا «لۆم-لۈم ئاشقازانلار» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ ئاشقازىنىدىن باشقا ئەزالىرى يوق ئوخشايدۇ.
13‏-14 بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن. «شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن...» ــ «يەھۇدىي ئەپسانىلەر» توغرۇلۇق «تىموتىيغا (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىز (4:1 ۋە 7:4-ئايەتلەر ئۈستىدە توختالغىنىمىز)نى كۆرۈڭ. «...ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن» ــ «ئۇلارنى» بولسا «كرېتتىكى ئېتىقادچىلارنى».   يەش. 29‏:13؛ مات. 15‏:9؛ كول. 2‏:22؛ 1تىم. 1‏:4؛ 4‏:7؛ 6‏:20.
15 پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە پاك؛ لېكىن بۇلغانغان ناپاكلار ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە پاك ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن. مات. 15‏:11؛ 23‏:25؛ روس. 10‏:15؛ رىم. 14‏:20،23. 16 ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەللىرىدە ئۇنىڭدىن تانىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكلەر، ھېچگەپ ئاڭلىمايدىغانلار، ھېچقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يارىمايدىغانلاردۇر.
 
 

1:1 «خۇدانىڭ تاللىغانلىرىغا ئامانەت بولغان ئېتىقاد ۋە ئىخلاسمەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقەتنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن...» ــ بۇ سۆز بولسا: (1) خۇدانىڭ ئۆزى تاللىغان خەلقىگە تاپشۇرغان ئۆزگەرمەس ئېتىقادقا مۇۋاپىق، خۇدانىڭ ئۇنىڭدا بولغان مەقسىتى ئۈچۈن؛ (2) خۇدانىڭ تاللىغانلىرىنى مۇشۇ ئېتىقادقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن؛ (3) خۇدانىڭ تاللىغانلىرىنىڭ ئېتىقادىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن دېگەن ئۈچ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

1:2 چۆل. 23‏:19؛ رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ 2تىم. 2‏:13؛ 1پېت. 1‏:20.

1:3 روس. 20‏:24؛ 2كور. 2‏:12؛ 7‏:14؛ 8‏:6،16؛ گال. 1‏:1؛ 2‏:3.

1:4 «ئورتاق ئېتىقادىمىزدا ئۆز ئوغلۇم بولغان تىتۇسقا...» ــ بۇ ئىبارە شۈبھىسىز شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تىتۇس خۇش خەۋەرنى ئەسلىدە پاۋلۇستىن ئاڭلىغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ھاياتقا ئېرىشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن (پاۋلۇس باشقا يەرلەردە كۆپ ئېيتقىنىدەك) روھىي جەھەتتىن تىتۇسنى خۇش خەۋەر ئارقىلىق «تۇغدى» ۋە ئۇنىڭغا روھىي جەھەتتىن ئاتىدەك بولدى.

1:4 ئ‍ەف. 1‏:2؛ كول. 1‏:2؛ 2تىم. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2.

1:5 2تىم. 2‏:2.

1:6 «ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق... بولۇشى كېرەك» ــ «بىر ئاياللىق» ياكى «بىر ئايالنىڭ ئېرى»، بەلكىم «ئۆز ئايالىغا سادىق» دېگەن مەنىدە. بۇ توغرۇلۇق «تىموتىيغا (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ... كېرەك» ــ ياكى، «پەرزەنتلىرى بولسا سادىق بولۇشى... كېرەك».

1:6 1تىم. 3‏:2.

1:7 « جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ ئائىلىسىگە غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس...» ــ «باشباشتاق» ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز «شەخسىيەتچى، مەنمەنچى» دېگەن مەنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس...» ــ «نەپسانىيەتچى» گرېك تىلىدا «ئۆزىنى بۇلغايدىغان نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلگەن» دېگەن بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزگە قارىغاندا، پۇل ۋە مال-دۇنيانى قوغلىشىش ئىنساننى ھارام قىلىپ بۇلغايدۇ. بۇ تېما توغرىسىدا يەنە «لۇقا» 9:16-11 ۋە شۇ ئايەتلەردىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «لۇقا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى 16-باب توغرۇلۇق «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا» دېگەن مەزمۇننى كۆرۈڭ.

1:7 لاۋ. 10‏:9؛ مات. 24‏:45؛ 1كور. 4‏:1؛ ئ‍ەف. 5‏:18؛ 1تىم. 3‏:3،15؛ 1پېت. 5‏:2.

1:8 «بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم» ــ گرېك تىلىدا «ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1:8 1تىم. 3‏:2.

1:9 «ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن...» ــ «ساغلام تەلىم» بولسا پاۋلۇسنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىبارىسى. خۇدادىن كەلگەن تەلىم ھەقىقەت، توغرا ئەلۋەتتە، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلاردا ساق، ساغلام روھىي ھاياتنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە قۇۋۋەتلەيدۇ.

1:10 «... كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار» ــ «خەتنىلىكلەردىن چىققانلار» يەھۇدىيلار ياكى ئەسلىدە يەھۇدىيلارنىڭ «سىناگوگ»ىغا قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن خەتنە قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار «خەتنىلىكلەر»نى خەتنىلىكنى قوبۇل قىلىش كېرەك دەپ تەلىم بەرگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى 11-ئايەتكە قارىغاندا ئۇلارنىڭ ھەرتۈرلۈك زىيانلىق تەلىملىرى بار ئىدى.

1:10 روس. 15‏:1.

1:11 «ئۇلار ھارام دۇنيانى دەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىلەرنى نابۇت قىلماقتا» ــ «ھارام دۇنيانى دەپ»: ــ تەلىم (مەيلى توغرا بولسۇن، ناتوغرا بولسۇن) بېرىشتىكى مەقسەت دۇنياغا ئېرىشىش بولسا بەرىبىر ھارام ئىش بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

1:11 مات. 23‏:14؛ 2تىم. 3‏:6.

1:12 «شۇلاردىن بىرى، يەنى كرېت ئارىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبىرى: «كرېتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغانلار، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن تويماسلاردۇر» دېگەن» ــ كرېتلىق شائىر ئېپىمېنىدىس، مىلادىيەدىن ئىلگىرى ئالتىنچى ئەسىردە يازغان شېئىر. «ھۇرۇن تويمىغۇرلار» گرېك تىلىدا «لۆم-لۈم ئاشقازانلار» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ ئاشقازىنىدىن باشقا ئەزالىرى يوق ئوخشايدۇ.

1:13‏-14 «شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن...» ــ «يەھۇدىي ئەپسانىلەر» توغرۇلۇق «تىموتىيغا (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىز (4:1 ۋە 7:4-ئايەتلەر ئۈستىدە توختالغىنىمىز)نى كۆرۈڭ. «...ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن» ــ «ئۇلارنى» بولسا «كرېتتىكى ئېتىقادچىلارنى».

1:13‏-14 يەش. 29‏:13؛ مات. 15‏:9؛ كول. 2‏:22؛ 1تىم. 1‏:4؛ 4‏:7؛ 6‏:20.

1:15 مات. 15‏:11؛ 23‏:25؛ روس. 10‏:15؛ رىم. 14‏:20،23.