2
ساغلام تەلىمگە لايىق ياشاش
لېكىن سەن بولساڭ ساغلام تەلىمگە قانداق ئۇيغۇن ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك. ياشانغان ئەرلەرگە، ھوشيار، سالماق، تەمكىن، ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە سەۋر-تاقەتتە ساغلام بولۇشنى تاپىلىغىن. شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارغا يۈرۈش-تۇرۇشتا ئىخلاس-مۇقەددەسلىككە لايىق بولۇشنى، چېقىمچىلىق قىلماسلىقنى، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشنى، گۈزەل ئىشلارنى ئۆگەتكۈچىلەر بولۇشنى تاپىلىغىن. 1تىم. 2‏:9؛ 5‏:13؛ 1پېت. 3‏:3. 4‏-5 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياش ئاياللارغا ئەرلىرىگە كۆيۈنۈش، بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، سالماق بولۇش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىنى پۇختا قىلىش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئەرلىرىگە بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ كول. 3‏:18؛ 1پېت. 3‏:1.
شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن. ئۆزۈڭمۇ ھەممە ئىشتا گۈزەل ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولغىن؛ تەلىم بەرگىنىڭدە پاك-دىيانەتلىك، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، 1تىم. 4‏:12؛ 1پېت. 5‏:3. ھېچكىم قۇسۇر تاپالمايدىغان، ساغلام سۆزلەرنى يەتكۈزگىن؛ بۇنىڭ بىلەن، قارشى چىققۇچىلار بىز توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىدىغان يەرنى تاپالماي خىجىل بولىدۇ. 1پېت. 2‏:12،15؛ 3‏:16.
قۇللارغا ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەممە ئىشتا قانائەتلەندۈرۈپ ئۇلارغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي، ئ‍ەف. 6‏:5؛ كول. 3‏:22؛ 1تىم. 6‏:1، 2؛ 1پېت. 2‏:18. 10 ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ تەلىماتىغا ھەر جەھەتتىن زىننەت بولىدۇ. «... ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۇلار ئېتىقادنىڭ ھەر جەھەتتە ياخشىلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن».
11 چۈنكى خۇدانىڭ نىجاتنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى؛ 12 ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشىمىز بىلەن، ئ‍ەف. 1‏:4. كول. 1‏:22؛ 2تىم. 1‏:9؛ 1يۇھ. 2‏:16. 13 ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ. «ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ» ــ تولۇق 12-13-ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭ بىلەن مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى، يەنى ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى تەلپۈنۈپ كۈتىمىز».   1كور. 1‏:7؛ فىل. 3‏:20. 14 ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. «ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى» ــ تەۋرات، «زەب.» 8:130، «ئەز.» 23:37، «قان.» 2:14نى كۆرۈڭ.   گال. 1‏:4؛ 2‏:20؛ ئ‍ەف. 2‏:10؛ 5‏:2؛ ئىبر. 9‏:14.
15 بارلىق ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ بۇ ئىشلارنى جاكارلاپ ئېيتقىن، نەسىھەت بېرىپ جېكىلىگىن ۋە ئاگاھلاندۇرغىن. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن. 1تىم. 4‏:12.
 
 

2:3 1تىم. 2‏:9؛ 5‏:13؛ 1پېت. 3‏:3.

2:4‏-5 يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ كول. 3‏:18؛ 1پېت. 3‏:1.

2:7 1تىم. 4‏:12؛ 1پېت. 5‏:3.

2:8 1پېت. 2‏:12،15؛ 3‏:16.

2:9 ئ‍ەف. 6‏:5؛ كول. 3‏:22؛ 1تىم. 6‏:1، 2؛ 1پېت. 2‏:18.

2:10 «... ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۇلار ئېتىقادنىڭ ھەر جەھەتتە ياخشىلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن».

2:12 ئ‍ەف. 1‏:4. كول. 1‏:22؛ 2تىم. 1‏:9؛ 1يۇھ. 2‏:16.

2:13 «ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن كېلىدىغانلىقىغا بولغان مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ» ــ تولۇق 12-13-ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭ بىلەن مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى، يەنى ئۇلۇغ خۇدا، نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى تەلپۈنۈپ كۈتىمىز».

2:13 1كور. 1‏:7؛ فىل. 3‏:20.

2:14 «ئۇ بەدەل تۆلەپ بىزنى ھەممە ئىتائەتسىزلىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى ئۆزى ئۈچۈن پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرگە قىزغىن ئىنتىلىدىغان خەلق قىلىشقا بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى» ــ تەۋرات، «زەب.» 8:130، «ئەز.» 23:37، «قان.» 2:14نى كۆرۈڭ.

2:14 گال. 1‏:4؛ 2‏:20؛ ئ‍ەف. 2‏:10؛ 5‏:2؛ ئىبر. 9‏:14.

2:15 1تىم. 4‏:12.