3
ئېتىقادچىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
جامائەتتىكىلەرگە شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمرانلارغا ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇپ، شۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسۇن، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن، رىم. 13‏:1، 3-7؛ 1پېت. 2‏:13. ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن. «ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن» ــ تەۋرات-ئىنجىلدا «مۆمىنلىك»نىڭ نېمە مەنىسى بارلىقى توغرۇلۇق «كولوسسىدىكىلەرگە»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (12:3 ئۈستىدە توختالغىنىمىزنى) كۆرۈڭ.  فىل. 4‏:5؛ 2تىم. 2‏:24،25.
چۈنكى بىز ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدە نادان بولۇپ، ئىتائەتسىز، ئازدۇرۇلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ ھەم لەززەتلەرنىڭ قۇلى بولغان، رەزىللىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، نەپرەتلىك بولغان ھەم بىر-بىرىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدۇق. 1كور. 6‏:11؛ ئ‍ەف. 2‏:1؛ كول. 3‏:7؛ 1پېت. 4‏:3. بىراق قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئايان بولۇشى بىلەن، (ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛«... يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى» ــ «يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى» گرېك تىلىدا «يېڭىدىن تۇغۇلۇشتىكى «داس سۈيى»». تەۋرات دەۋرىدىكى زامانلاردا كاھىنلار ئىبادەتخانىدا خۇداغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن پۈتكۈل تەنلىرىنى چوڭ داس («دېڭىز») ئىچىدە يۇيۇشى كېرەك ئىدى. بۇ يەردە تەن ئەزالىرىنى يۇيۇش ئەمەس، ئادەمنىڭ پۈتكۈل روھىنىڭ يۇيۇنىشى كۆرسىتىلىدۇ، ئەلۋەتتە.  روس. 15‏:11؛ رىم. 3‏:20، 28؛ 4‏:2، 6؛ 9‏:11؛ 11‏:6؛ گال. 2‏:16؛ ئ‍ەف. 1‏:4؛ 2‏:4، 9؛ 2تىم. 1‏:9. بۇ روھنى خۇدا نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ۋۇجۇدىمىزغا مول قۇيدى.ئ‍ەز. 36‏:25. بۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى تۇتقان مىراسخورلار بولدۇق.
بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېرىلىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزەل ۋە پايدىلىق.
بىراق ئەخمىقانە مۇنازىرىلەر، نەسەبنامىلەردىكى قۇرۇق گەپلەر، جېدەل-ماجرالار، تەۋرات قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن ئۆزۈڭنى نېرى تۇتقىن؛ چۈنكى بۇلار پايدىسىز ۋە بىمەنىلىكتۇر.1تىم. 1‏:4؛ 4‏:7؛ 6‏:20؛ تىت. 1‏:14.
10 ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت؛ «ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت» ــ «ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەم» جامائەتنى (بەلكىم ئادەمنى ئازدۇرىدىغان تەلىم بىلەن) بۆلمەكچى بولىدۇ.  مات. 18‏:17؛ رىم. 16‏:17؛ 2تېـس. 3‏:6؛ 2تىم. 3‏:5؛ 2يۇھ. 10. 11 چۈنكى بۇنداق ئادەمنى ھەقىقەتتىن چەتنىدى، گۇناھ سادىر قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى جازاغا مەھكۇم قىلغان دەپ بىلىسەن.
 
ئاخىرقى سۆز
12 ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى ساڭا ماڭدۇرغاندا، مۇمكىن قەدەر تېزرەك نىكوپولىس شەھىرىگە مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن، چۈنكى ئۇ يەردە قىشلىماقچى بولۇۋاتىمەن. روس. 20‏:4؛ ئ‍ەف. 6‏:21؛ 2تىم. 4‏:12. 13 ئادۋوكات زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ھىممىتىڭنىڭ بارىچە ئۇزاتقىن؛ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققىن. روس. 18‏:24؛ 1كور. 1‏:12. 14 بىزنىڭ قوۋمىمىز مېۋىسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن.
15 يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. ئېتىقادتا بىزنى سۆيىدىغالارغا سالام ئېيت.
مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي!

3:1 رىم. 13‏:1، 3-7؛ 1پېت. 2‏:13.

3:2 «ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن» ــ تەۋرات-ئىنجىلدا «مۆمىنلىك»نىڭ نېمە مەنىسى بارلىقى توغرۇلۇق «كولوسسىدىكىلەرگە»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (12:3 ئۈستىدە توختالغىنىمىزنى) كۆرۈڭ.

3:2 فىل. 4‏:5؛ 2تىم. 2‏:24،25.

3:3 1كور. 6‏:11؛ ئ‍ەف. 2‏:1؛ كول. 3‏:7؛ 1پېت. 4‏:3.

3:5 «... يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى» ــ «يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى» گرېك تىلىدا «يېڭىدىن تۇغۇلۇشتىكى «داس سۈيى»». تەۋرات دەۋرىدىكى زامانلاردا كاھىنلار ئىبادەتخانىدا خۇداغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن پۈتكۈل تەنلىرىنى چوڭ داس («دېڭىز») ئىچىدە يۇيۇشى كېرەك ئىدى. بۇ يەردە تەن ئەزالىرىنى يۇيۇش ئەمەس، ئادەمنىڭ پۈتكۈل روھىنىڭ يۇيۇنىشى كۆرسىتىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

3:5 روس. 15‏:11؛ رىم. 3‏:20، 28؛ 4‏:2، 6؛ 9‏:11؛ 11‏:6؛ گال. 2‏:16؛ ئ‍ەف. 1‏:4؛ 2‏:4، 9؛ 2تىم. 1‏:9.

3:6 ئ‍ەز. 36‏:25.

3:9 1تىم. 1‏:4؛ 4‏:7؛ 6‏:20؛ تىت. 1‏:14.

3:10 «ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت» ــ «ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەم» جامائەتنى (بەلكىم ئادەمنى ئازدۇرىدىغان تەلىم بىلەن) بۆلمەكچى بولىدۇ.

3:10 مات. 18‏:17؛ رىم. 16‏:17؛ 2تېـس. 3‏:6؛ 2تىم. 3‏:5؛ 2يۇھ. 10.

3:12 روس. 20‏:4؛ ئ‍ەف. 6‏:21؛ 2تىم. 4‏:12.

3:13 روس. 18‏:24؛ 1كور. 1‏:12.