ھەر تەرەپلىك روھىي رىغبەت-تەسەللىنى كۆرسەتسە كېرەك.
بۇ ئايەتتىك «ئىككى زەيتۇن دەرىخى» توغرىسىدا ئىككى كۆزقاراش بار.
(1) ئىككى زەيتۇن دەرىخى زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا، يەنى داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان پادىشاھنىڭ ئورنىدا تۇرغۇچى زەرۇببابەل ۋە باش كاھىن يەشۇئا. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ۋە كاھىنلىرى ئالاھىدە بىر پۇراقلىق زەيتۇن مېيى بىلەن «مەسىھ قىلىنغان»، بۇ ماي خۇدانىڭ روھىنىڭ مەدىتىنى بىلدۈرەتتى. شۇنىڭدەك پادىشاھ ۋە كاھىن (باشقا تەرەپلەردىن) خۇداغا ۋەكالەتچى بولاتتى. بۇ بىرىنچى كۆزقاراش بويىچە بۇ ئىككى ئادەمنىڭ خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى بىلەن، خەلق خۇدانىڭ نۇرىنى دۇنياغا چاچىدىغان «چىراغدان» بولىدۇ.
(2) بۇ «مەسىھ قىلىنغان ئىككى ئوغۇل بالا» دەل زەكەرىيا ۋە ھاگاي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى؛ ئۇلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشلىرى بىلەن پۈتۈن خەلق، جۈملىدىن زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلماقتا؛ شۇنىڭ بىلەن يەنە «خۇدانىڭ نۇرىنى دۇنياغا چاچىدىغان «چىراغدان» بولىدۇ». بىزنىڭچە بۇ كۆزقاراش ئورۇنلۇق. ■زەك. 4:3؛ ئەزرا 5:1؛ 6:14؛ ۋەھ. 11:3-4
□4:2 «يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن» ــ ياكى «يەتتە چىراغنىڭ ھەربىرىنىڭ يەتتە پىلىكى بار ئىكەن».
■4:5 زەك. 4:14؛ ئەزرا 5:1؛ 6:14؛ ۋەھ. 11:3-4
□4:7 «ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ» ــ «جىپسىما تاش» ــ سېلىنىۋاتقان ئۆينىڭ (مۇشۇ ئايەتتە ئىبادەتخانىنىڭ) ئەڭ ئاخىرقى قويۇلغان تېشىتۇر. «شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ» ــ «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن سۆزلەر بەلكىم ئىبادەتخانىغا، ياكى «ئەڭ ئۈستىدىكى جىپسىما تاش»، ياكى پۈتۈن قۇرۇلۇش ئىشىغا ئېيتىلىدۇ.
■4:7 يەش. 40:4
■4:9 يـۇھ. 2:19-21
□4:10 «بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ...» ــ بەزى ئالىملار بۇ «يەتتە»نى چىراغداننىڭ يەتتە شېخىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق چىراغدان خۇدادىن ماي قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بىزنىڭچە «بۇ «يەتتە»» يۇقىرىقى تاشنىڭ «يەتتە كۆز»ىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئادەملەرنىڭ كۆز-قاراشلىرىدا «كىچىك ئىشلار» بولغىنى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئىشنى تەڭ كۆرىدىغان كۆزلىرىدە ئۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، شادلىنارلىق بىر ئىشتۇر. ھەتتا قۇرۇلۇش جەريانىدا، زەرۇببابەلنىڭ «تىك ئۆلچەش تېشى»نى تۇتقانلىقىنى كۆرگەندە، «پەرۋەردىگارنىڭ كۆزلىرى» شادلىنىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
■4:10 2تار. 16:9؛ ۋەھ. 5:6
□4:12 «..ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى...» ــ مۇشۇ «ئالتۇن» بەلكىم «ئالتۇن رەڭلىك» زەيتۇن مېيى ــ ھەر تەرەپلىك روھىي رىغبەت-تەسەللىنى كۆرسەتسە كېرەك.
□4:14 ««زەيتۇن مېيىدا مەسىھ قىلىنغان» ئىككى ئوغۇل بالىدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «زەيتۇن مايلىق ئىككى ئوغۇل بالا» دېيىلىدۇ. بۇ ئايەتتىك «ئىككى زەيتۇن دەرىخى» توغرىسىدا ئىككى كۆزقاراش بار. (1) ئىككى زەيتۇن دەرىخى زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا، يەنى داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان پادىشاھنىڭ ئورنىدا تۇرغۇچى زەرۇببابەل ۋە باش كاھىن يەشۇئا. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ۋە كاھىنلىرى ئالاھىدە بىر پۇراقلىق زەيتۇن مېيى بىلەن «مەسىھ قىلىنغان»، بۇ ماي خۇدانىڭ روھىنىڭ مەدىتىنى بىلدۈرەتتى. شۇنىڭدەك پادىشاھ ۋە كاھىن (باشقا تەرەپلەردىن) خۇداغا ۋەكالەتچى بولاتتى. بۇ بىرىنچى كۆزقاراش بويىچە بۇ ئىككى ئادەمنىڭ خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئىلھام بېرىشى بىلەن، خەلق خۇدانىڭ نۇرىنى دۇنياغا چاچىدىغان «چىراغدان» بولىدۇ. (2) بۇ «مەسىھ قىلىنغان ئىككى ئوغۇل بالا» دەل زەكەرىيا ۋە ھاگاي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى؛ ئۇلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشلىرى بىلەن پۈتۈن خەلق، جۈملىدىن زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلماقتا؛ شۇنىڭ بىلەن يەنە «خۇدانىڭ نۇرىنى دۇنياغا چاچىدىغان «چىراغدان» بولىدۇ». بىزنىڭچە بۇ كۆزقاراش ئورۇنلۇق.
■4:14 زەك. 4:3؛ ئەزرا 5:1؛ 6:14؛ ۋەھ. 11:3-4