5
ئالتىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ «ئۇچار ئورام يازما»
ئاندىن مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم. ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم؛ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن» ــ دېدىم.«ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن» ــ ئىبرانىيلار ئىشلەتكەن «گەز» بەلكىم يېرىم مېتر ئىدى. ئورام يازمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسىتىلگەن «مۇقەددەس چېدىر»نىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك («مىس.» 29-بابنى كۆرۈڭ).
ئۇ ماڭا: «بۇ بولسا پۈتۈن زېمىن ئۈستىگە چىقىرىلغان لەنەتتۇر؛ چۈنكى ھەربىر ئوغرىلىق قىلغۇچى بۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ۋە قەسەم ئىچكۈچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ».
ــ «مەن بۇ يازمىنى چىقىرىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، «ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ».«مەن بۇ يازمىنى چىقىرىمەن... ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ» ــ «ئۇچار ئورام يازما» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
 
يەتتىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ سېۋەتتە ئولتۇرغان ئايال ــ «رەزىللىك»
ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقىپ ماڭا: «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرگىن، نېمىنىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ باق» ــ دېدى.
مەن: «ئۇ نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر»، ۋە: «بۇ بولسا شۇ رەزىللەرنىڭ پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر» ــ دېدى. «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر» ــ «ئەفاھ» بولسا ھەجىم ئۆلچىمى، تەخمىنەن 40 لىتر كېلىدۇ. مۇشۇ يەردە ھەم ئۆلچەم ھەم ئۆلچەيدىغان سېۋەتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. «بۇ بولسا شۇ رەزىللەرنىڭ پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر» ــ «رەزىللەر» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار». يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئوغرى ۋە يالغانچىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئىبرانىي تىلىدا «قىياپەت» «كۆز» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى بەلكىم: خۇدا ئۆز خەلقىگە كۆزى بىلەن يېتەكچىلىك قىلغىنىدەك («زەب.» 8:32) شەيتانمۇ ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى «ئەفاھ» (سودا-سېتىقنىڭ سىمۋولى) ئارقىلىق باشقۇرىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
ئەفاھ سېۋىتىنىڭ ئاغزىدىن دۇمىلاق بىر قوغۇشۇن كۆتۈرۈلدى، مانا، ئەفاھ سېۋىتى ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى.
ئۇ: «بۇ بولسا، رەزىللىك»تۇر» ــ دەپ، ئۇنى ئەفاھ سېۋىتى ئىچىگە قايتۇرۇپ تاشلاپ، ئەفاھنىڭ ئاغزىغا ئېغىر قوغۇشۇننى تاشلاپ قويدى.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا ئىككى ئايالنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم؛ شامال ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يەلپۈتۈپ تۇراتتى (ئۇلارنىڭ لەيلەكنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىدى)؛ ئۇلار ئەفاھنى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆتۈردى. 10 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئۇلار ئەفاھنى نەگە كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ؟» ــ دەپ سورىدىم.
11 ئۇ ماڭا: ئۇلار ئەفاھ ئۈچۈن «شىنار زېمىنى»دا بىر ئۆي سېلىشقا كەتتى؛ ئۆي بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، ئەفاھ سېۋىتى شۇ يەردە ئۆز تۇرالغۇسىغا قويۇلىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى.«شىنار زېمىنى» ــ «شىنار» بابىلىيەنىڭ باشقا بىر ئىسمى. «ئەفاھ سېۋىتى شۇ يەردە ئۆز تۇرالغۇسىغا قويۇلىدۇ» ــ «ئەفاھدا ئولتۇرغان ئايال» («رەزىللىك») توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»مىزدە توختىلىمىز.
 
 

5:2 «ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن» ــ ئىبرانىيلار ئىشلەتكەن «گەز» بەلكىم يېرىم مېتر ئىدى. ئورام يازمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسىتىلگەن «مۇقەددەس چېدىر»نىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك («مىس.» 29-بابنى كۆرۈڭ).

5:4 «مەن بۇ يازمىنى چىقىرىمەن... ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ» ــ «ئۇچار ئورام يازما» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

5:6 «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر» ــ «ئەفاھ» بولسا ھەجىم ئۆلچىمى، تەخمىنەن 40 لىتر كېلىدۇ. مۇشۇ يەردە ھەم ئۆلچەم ھەم ئۆلچەيدىغان سېۋەتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. «بۇ بولسا شۇ رەزىللەرنىڭ پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر» ــ «رەزىللەر» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار». يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئوغرى ۋە يالغانچىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئىبرانىي تىلىدا «قىياپەت» «كۆز» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى بەلكىم: خۇدا ئۆز خەلقىگە كۆزى بىلەن يېتەكچىلىك قىلغىنىدەك («زەب.» 8:32) شەيتانمۇ ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى «ئەفاھ» (سودا-سېتىقنىڭ سىمۋولى) ئارقىلىق باشقۇرىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

5:11 «شىنار زېمىنى» ــ «شىنار» بابىلىيەنىڭ باشقا بىر ئىسمى. «ئەفاھ سېۋىتى شۇ يەردە ئۆز تۇرالغۇسىغا قويۇلىدۇ» ــ «ئەفاھدا ئولتۇرغان ئايال» («رەزىللىك») توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»مىزدە توختىلىمىز.