مۇشۇ ئايەتلەردە يەنە، مەسىھ «يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن» چىقىدۇ، دېيىلىدۇ. شۇڭا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ خاندانلىقى ھەيۋەتلىك مەزگىلىدە ئەمەس، بەلكى مىسكىن مەزگىلىدە تۇغۇلىدۇ، دېگەن بېشارەت بېرىلىدۇ. ■يەش. 4:2؛ روس. 13:22،23
□11:1 «بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ» ــ يەسسە بولسا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى. ئىبرانىيلار قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. بىراق مۇشۇ يەردە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ھەم داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ھەم «يەسسەنىڭ يىلتىزى»مۇ (10:11نى كۆرۈڭ) بايان قىلىنىدۇ! بۇ ئىش پەقەت ئىنجىلدىلا چۈشەندۈرۈلگەن (مەسىلەن، «لۇقا» 41:20-44). مۇشۇ ئايەتلەردە يەنە، مەسىھ «يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن» چىقىدۇ، دېيىلىدۇ. شۇڭا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ خاندانلىقى ھەيۋەتلىك مەزگىلىدە ئەمەس، بەلكى مىسكىن مەزگىلىدە تۇغۇلىدۇ، دېگەن بېشارەت بېرىلىدۇ.
■11:1 يەش. 4:2؛ روس. 13:22،23
□11:2 «يورۇتۇش روھى» ــ ئادەمگە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئاتا قىلىدىغان روھتۇر.
■11:2 يەش. 9:5
□11:5 «ئۇنىڭ بەلۋېغى ھەققانىيلىق، چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ.» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ بۆرەكلىرىگە باغلانغۇچى» دېيىلگەن. ئىبرانىي تىلىدا بۆرەكلەر ئادەمنىڭ چوڭقۇر ئوي-پىكرىلىرى ۋە ۋىجدانىنى بىلدۈرىدۇ چاتراقلىق» ــ ئادەمنىڭ چاترىقىغا يۆگەپ كىيىلىدىغان ئىچكى كىيىم. «چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ» ــ دېمەك، ئىچ كىيىملەر بەدەنگە چاپلاشقىنىدەك، ھەققانىيلىق ۋە سادىقلىق ئۇنىڭدىن ھېچ ئايرىلمايدۇ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىن بولىدۇ.
■11:6 يەش. 65:25؛ ھوش. 2:20
■11:10 رىم. 15:12
□11:11 «رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن...» ــ «ئىككىنچى قېتىم» ــ بىرىنچى قېتىمقى بولسا بەلكىم بابىلدا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 540-يىلى) بولىدۇ. بىراق يەشايا مۇشۇ يەردە ئاخىرقى زامانلاردا بولىدىغان بىر «قايتىش» توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بەزى ئالىملار «بىرىنچى قېتىمقى» قايتىشمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇشى كېرەك، شۇڭا يەشايا ئىككى «چوڭ قايتىش» توغرۇلۇق بېشارەت قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. «رەب ... قالدىسىنى ... ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ» ــ ئاسۇرىيە ۋە مىسىر ئاشۇ دەۋردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىدى؛ پاتروس ۋە كۇش مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە (ھازىرقى ئېفىئوپىيە)، ئېلام ۋە شىنار شەرق تەرىپىدە (ئاسۇرىيەدىن يىراق)، خامات ئىراقنىڭ شىمال تەرىپىدە ئىدى. دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربى ئارقىلىق ئۆتكىلى بولىدۇ. دېمەك، مەيلى كۈچلۈك، مەيلى ئاجىز دۆلەتلەر بولسۇن، ئاخىرقى زاماندا خۇدا ئۆز خەلقىنى ھەر تەرەپتىن چاقىرىپ يىغىدۇ.
□11:13 «ئەفرائىم» ــ ئەفرائىم ئىسرائىلنىڭ «شىمالىي پادىشاھلىقى»غا، يەھۇدا «جەنۇبىي پادىشاھلىقى»غا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
□11:15 «مىسىردىكى دېڭىزنىڭ «تىلى... ئەفرات دەرياسى...» ــ مۇشۇ يەرلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن خەرىتىنى كۆرۈڭ.
■11:16 مىس. 14:29