10
پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇداغا بولغان غەزىپى
قەبىھلىك قانۇنلىرىنى تۈزگۈچىلەرگە،
ئازابلىق پەرمان-ھۆكۈملەرنى يازغۇچىلارغا ۋاي!
تۇل خوتۇنلارنى ئولجىمىز قىلايلى،
يېتىم-يېسىرلارنى بۇلاپ-تالايلى دەپ،
ئۇلار مىسكىنلەرگە ئادالەتنى بەرمەي،
خەلقىمدىكى ئاجىز-بېچارىلەردىن ھوقۇقنى بۇلاپ كېتىدۇ.
ھېساب ئالىدىغان كۈنىدە،
يەنى يىراقتىن كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كۈنىدە،
نېمە قىلىسىلەر؟
كىمدىن باشپاناھلىق ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟
بايلىق-شۆھرىتىڭلارنى نەگە ئامانەت قويىسىلەر؟«ھېساب ئالىدىغان كۈنى» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلىنسا، «خۇدا يوقلاپ كېلىدىغان كۈنى» دېگەنلىك بولىدۇ.
ئۇلارغا ئەسىرلەر ئارىسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن،
ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا يىقىلىشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى!
ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ،
ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ،
سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
 
پەرۋەردىگارنىڭ ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبقا قارىتا بىر سۆزى
قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان،
ئۆزۈمنىڭ دەرغەزىپىمنىڭ تايىقى بولغان ئاسۇرىيەلىككە ۋاي!«قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «(ئۇلارنىڭ) قولىدىكى توقماق مېنىڭ غەزىپىم بولغان،...».  يەش. 36‏:1؛ يەر. 25‏:9؛ ئ‍ەز. 21‏:14
مەن ئۇنى خۇداسىز بىر «يات ئەل»گە،
دەرغەزىپىم قارىتىلغان خەلقىمگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىمەن؛
ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا،
غەنىيمەتنى بۇلاشقا،
خەلقىمنى كوچىلاردىكى لاي-پاتقاقلارنى دەسسىگەندەك دەسسەشكە بۇيرۇيمەن.«ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا...بۇيرۇيمەن» ــ يەشايانىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى (ماھار-شالال-خاش-باز)نىڭ مەنىسىنى مۇشۇ ئايەتتتىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ: «ئولجىغا ئالدىرا! غەنىيمەتكە چاپسان بول!». بۇ سۆزلەر يەنە 2-ئايەتتە تېپىلىدۇ؛ خۇدا يەھۇدادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىدۇ.
بىراق ئاسۇرىيەلىكنىڭ كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس،
ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس.
ئۇنىڭ ئويلىغىنى ۋەيران قىلىش،
كۆپ دۆلەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.«بىراق ئاسۇرىيەلىكنىڭ كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس...» ــ دېمەك، خۇدانىڭ مەقسىتى ئاسۇرىيە پادىشاھى ئارقىلىق ئىسرائىل ۋە يەھۇدانى جازالاش ئىدى. بىراق ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇشۇ ئىشتىن ھېچ خەۋەرسىز بولۇپ، پەقەت ئۆز شەخسىي مەنپەئەت-ھوقۇقلىرىنى، بايلىق-شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش كويىدا ئىدى. مۇشۇ ئايەت بىزگە، ھەممىگە قادىر ھەتتا رەھىمسىز ۋە خۇداسىز شەخسلەر، ئەللەر ۋە ئىمپېرىيەلەر ئارقىلىقمۇ ئۆز مەقسەت-مۇددىئالىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، دەپ ئۆگىتىدۇ.
ئۇ: ــ «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟«مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى ئاۋۋال پادىشاھلار بولغان ئەمەسمۇ؟»
كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە،
خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە،
سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟«كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە، خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە، سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟» ــ دېمەك، مەن كالنو، خامات ۋە دەمەشقنى ئاسانلا قولغا كەلتۈردۈم. بۇنىڭدىن باشقا شەھەرلەرنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئاسانلا بويسۇندۇرىمەن. ھەربىر جۈپ شەھەرنىڭ ئىككىنچىسى بىرىنچىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئۇنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى كېيىنرەك قولىغا ئالغان.
كالنو ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 738-يىلى؛ كارشېمىش 717-يىلى؛
خامات 738-يىلى؛ ئارپاد 740-يىلى؛
سامارىيە -721-720يىلى؛ دەمەشق 732-يىلى ئېلىنغان.
10 مەبۇدلىرى سامارىيەنىڭ ۋە يېرۇسالېمنىڭكىدىن ئۇلۇغ بولغىنى بىلەن،
مېنىڭ قولۇم مۇشۇ مەبۇدقا تەۋە بولغان پادىشاھلىقلارغا ئىگە بولۇشقا يەتكۈدەك تۇرسا،
11 سامارىيە ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى قانداق قىلغان بولسام، يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى ئوخشاشلا شۇنداق قىلمامدىمەن؟» ــ دەيدۇ.
12 بىراق رەب زىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمدا پۈتكۈل جازا ئىشىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ: ــ
«مەن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىدىكى باشباشتاقلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇنىڭغا چۈشۈرىمەن،
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى كىبىرلىك نەزەرلىرىنى جازالايمەن» دەيدۇ.
13 چۈنكى ئۇ: ــ «بۇ ئىشلارنى ئۆز قولۇمنىڭ كۈچى بىلەن،
ئۆز دانالىقىم بىلەن مەن قىلغانمەن؛
چۈنكى مەن ئەقىللىقتۇرمەن؛
مەن ئەللەرنىڭ پاسىللىرىنى يوقاتتىم،
ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇلىۋالدىم،
تەختكە ئولتۇرغانلارنى باتۇر كەبى چۈشۈرۈپ تاشلىدىممەن؛
14 مەن قولۇمنى بىر قۇش ئۇۋىسىغا ئۇزاتقاندەك ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىغا ئۇزاتتىم،
بىرسى تاشلىۋېتىلگەن تۇخۇملارنى تەرگەندەك مەن پۈتكۈل دۇنيانى يىغقانمەن؛
ئۇلاردىن ھېچبىرىمۇ قاناتلىرىنى پالاقلاتمىدى،
تۇمشۇقىنى ئاچمىدى،
ياكى چۇك-چۇك قىلىپ ئاۋاز چىقارمىدى» ــ دەيدۇ.
15 پالتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىسىگە لاپ ئاتسا بولامدۇ؟
ھەرە ھەرىدىگۈچىگە پوچىلىق قىلسا بولامدۇ؟
شۇنداق ئىش ئىكەن، خۇددى تاياق ئۆزىنى كۆتۈرگۈچىسىنى ئوينىتالىسا بولىدىغاندەك،
خۇددى ھاسا ياغاچ ئەمەس بولغۇچىنى كۆتۈرگەندەك بولاتتى ئەمەسمۇ؟!«ياغاچ ئەمەس بولغۇچى» ــ ھاسىنى ئىشلەتكەن ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.
16 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار شۇ ئاسۇرىيەلكنىڭ پالۋانلىرى ئارىسىغا ئورۇقلىتىش كېسىلىنى ئەۋەتىدۇ،
ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئاستىدا لاۋۇلداپ يالقۇنلايدىغان بىر ئوتنى ياقىدۇ.«ئاسۇرىيەلكنىڭ پالۋانلىرى» ــ «پالۋان» ئىبرانىي تىلىدا «سېمىز» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ «سېمىزلارغا ئورۇقلۇق ئەۋەتىمەن». بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى -36، 37-بابتىن كۆرۈڭ.  يەش. 24‏:6
17 «ئىسرائىلنىڭ نۇرى»نىڭ ئۆزى ئوت،
ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى يالقۇن بولىدۇ،
ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ جىغانلىرى ۋە تىكەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۇتۇۋالىدۇ.
18 ھەم ئۇنىڭ ئورمانزارلىق ۋە باغ-ئېتىزلىرىنىڭ شان-شەرىپىنى، جان ۋە تېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ؛
ئۇلار بەئەينى جۈدەپ كېتىۋاتقان كېسەل ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ.
19 بۇنىڭ بىلەن ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ قېپ قالغىنى شۇنچە ئاز بولىدۇكى،
كىچىك بالا ئۇلارنى ساناپ خاتىرىلىيەلەيدۇ.«ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەر» ــ بەلكىم ئاسۇرىيەدىكى دەرەخلەرنىمۇ، ئادەملەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
 
20 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىلنىڭ قالدى خەلقى، يەنى ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن قېچىپ قايتقانلار ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىغا ئىككىنچى تايانمايدۇ؛ بەلكى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار، يەنى «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»غا تايىنىدۇ.«ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچى» ــ بۇ ئاسۇرىيەنى ياكى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ.
21 بەرھەق، بىر «قالدى» قايتىپ كېلىدۇ،
يەنى ياقۇپنىڭ «قالدىسى» قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ.«بىر قالدىسى قايتىپ كېلىدۇ» ــ يەشايانىڭ بىرىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى (شېئار-جاشۇب)دۇر. «قايتىپ كېلىش» ــ شۈبھىسىزكى، ھەم توۋا قىلىش ھەم ئۆز يۇرت-ۋەتىنىگە قايتىشنىمۇ بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ ئايەتلەر ھەم ئىسرائىلدىكى «شىمالىي پادىشاھلىق»نى ھەم ئاخىرقى زاماندىكى ئىسرائىلنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.
22 ئى ئىسرائىل، خەلقىڭ دېڭىزدىكى قۇمدەك كۆپ بولغىنى بىلەن،
پەقەت بىر قالدىسى قايتىدۇ؛
چۈنكى ھەققانىيلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن، بىر ھالاكەتنىڭ تېشىپ ئۈستۈڭلارغا چۈشۈشى بېكىتىلگەندۇر؛رىم. 9‏:27،28
23 چۈنكى بىر ھالاكەتنى ــ بېكىتىلگەن بىر ھالاكەتنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.«پۈتكۈل يەر يۈزىدە» ــ ياكى پەلەستىندىكى (قانائاندىكى) زېمىننى ياكى پۈتكۈل يەر يۈزىنى كۆرسىتىدۇ.  يەش. 28‏:22
24 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
« ــ ئى زىئون تېغىدا تۇرغان خەلقىم،
ئاسۇرىيەدىن قورقما!
ئۇ سېنى تاياق بىلەن ئۇرىدىغان،
ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ،«ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ھاسىسىنى مىسىردىكى تەبىقىدە ساڭا قاراپ كۆتۈرگەندەك بولسىمۇ،...».
«مىسىرلىقلاردەك... ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان» ــ ئىسرائىلنىڭ مىسىردا بولغان تارىخىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
«ھاسا كۆتۈرۈش» ــ بەلكىم جەڭ قىلىشنى جاكارلاشتۇر. قەدىمكى زاماندا، ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا، مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن ئۇلارنى ھالاك قىلماقچى بولۇپ، قوشۇنىنى ئەۋەتىپ قوغلىغان. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىردا ئۆزى ھالاك بولغان. ئاسۇرىيەلەر مىسىرلىقلارغا ئوخشاشلا ھالاك بولىدۇ، دېمەك. «مىس.» 1-15 بابلارنى كۆرۈڭ.
25 پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنلا،
سىلەرگە قاراتقان مۇشۇ دەرغەزىپىم تۈگەپ،
غەزىپىمنى ئۇلارغا ھالاكەت چۈشسۇن دەپ قارىتىمەن.
26 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، ئۇلارغا قامچا بىلەن ھۇجۇم قوزغايدۇ؛
ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ؛
ئۇ ھاسىسىنى دېڭىزغا قارىتىپ،
ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ؛«ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ» ــ «ھاك.» 7-بابنى كۆرۈڭ. مىدىيانلار ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلىپ، خۇدانىڭ مۆجىزىلىرى بىلەن مەغلۇپ بولدى. مىدىيانلارنىڭ سەردارى ئورەب قاچقان بولسىمۇ ئۆلتۈرۈلدى. ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب قاچقىنى بىلەن ئۆز يۇرتىدا ئۆز ئوغۇللىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى (37-بابنى كۆرۈڭ).
«ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ مىسىردىكى تەبىقىدە ھاسىىسنى كۆتۈرىدۇ» (24-ئايەتتىكى ئىبارە ئوخشاشتۇر). لېكىن «ھاسىىنى كۆتۈرگۈچى» مۇشۇ يەردە پەرۋەردىگار بولىدۇ؛ ئۇ «ئۇنى (ھاسىسىنى) مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەن»دە، مىسىرلىقلار دېڭىزدا غەرق بولۇپ ھالاك بولدى («مىس.» 14-بابنى كۆرۈڭ.
  مىس. 14
27 ئاندىن شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى،
ئۇنىڭ يۈكى مۈرەڭدىن،
بويۇنتۇرۇقى بوينۇڭدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛
مايلىرىڭ سەۋەبىدىن،
بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇپ يوقىتىلىدۇ. «مايلىرىڭ سەۋەبىدىن» ــ ئىسرائىل پادىشاھلىرى «مۇقەددەس ماي» بىلەن، يەنى «مەسىھ قىلىنىشى» بىلەن پادىشاھ قىلىنغان. مۇشۇ «ماي» خۇدا ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سېنىڭ سەمىرەپ كەتكىنىڭ ئۈچۈن، بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇلۇپ يوقىتىلىدۇ».
 
يەشايانىڭ ئاسۇرىيەنىڭ جەڭ يۈرۈشىنى ئالدىنئالا ئېيتىپ بايان قىلىشى
28 مانا، ئۇلار ئاياتقا يېتىپ، مىگروندىن ئۆتكەن،
مىخماشتا يۈك-تاقلىرىنى قويۇپ قويىدۇ؛
29 ئۇلار بوسۇغا-داۋاندىن ئۆتكەن،
گېبادا قونۇپ قالىدۇ؛
راماھ تىترەپ كېتىدۇ؛
سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھدىكىلەر بولسا قېچىپ كەتكەن؛
30 ئى گاللىمنىڭ قىزى، پەريادىڭنى كۆتۈر!
ھەي لائىش، ئاڭلاپ قوي!
ئى بىچارە ئاناتوت!
31 مادمەناھ بولسا قاچتى؛
گېبىمدىكىلەر بەدەر قاچتى؛
32 شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛
ئاشۇ يەردە ئۇ زىئون قىزىنىڭ تېغىغا،
يەنى يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ. «شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇ ... يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ» ــ مۇشۇ 28-32-ئايەتلەردە، يەشايا ئاسۇرىيە قوشۇنىنىڭ يېرۇسالېمغا قارىتىدىغان يۈرۈشىنى ئالدىن ئالا بېشارەت بېرىپ بايان قىلىدۇ.
ئايات بولسا يېرۇسالېمدىن 50 كىلومېتر، مىگرون 22 كىلومېتر، مىخماش 11 كىلومېتر يىراقتا؛ مىخماش داۋانىدىن ئۆتۈپ، گېباغا كېلىدۇ. گېبا يېرۇسالېمدىن 10 كىلومېتر، «سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھ» 5 كىلومېتر، گاللىم 5.4 كىلومېتر، لائىش 4 كىلومېتر، ئاناتوت 3 كىلومېتر، مادمەناھ 1:5 كىلومېتر، گېبىم 800 مېتر، نوب تېغى بولسا پەقەت يېرۇسالېمدىكى سېپىلدىن 200 مېتر يىراقلىقتا.
قوشۇن «گېبادا قونۇپ قالىدۇ» ــ ئەسلىدە مىخماشتا قونۇشقا (بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن) توغرا كېلەتتى، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىگە تولىمۇ ئىشەنچ قىلىپ بىخۇدلۇق بىلەن ئالغا بېسىپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دېگەندىكىدەك يۈز بەردى.
 
ئاسۇرىيە يوقىلىدۇ، «ئىممانۇئېل» تۇغۇلىدۇ
33 مانا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار چوڭ شاخلارنى شىددەت بىلەن كېسىۋېتىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئېگىز ئۆسكەنلەر كېسىپ يىقىتىلىدۇ؛
ھالى ئۈستۈنلەر پەسلەشتۈرۈلىدۇ.
34 ئۇ تۆمۈر قوراللار بىلەن ئورمانلىقنىڭ باراقسان يەرلىرىنى كېسىپ قاقاسلىق قىلىۋېتىدۇ؛
لىۋان بولسا ئۇلۇغ بىرسى تەرىپىدىن يىقىتىلىدۇ.«لىۋان» ــ لىۋاندىكى كېدار دەرەخلىرى ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئەڭ ئېگىز، ھەيۋەتلىك ۋە ئەڭ باراقسان ئۆسىدۇ؛ مۇشۇ ئايەتتە «لىۋان» ئاسۇرىيەنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچ-قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا يەرلەردە بولسا، ئۇ ھامان ھاكاۋۇر كىشىلەرنى بىلدۈرىدۇ. «ئۇلۇغ بىرسى تەرىپىدىن» ــ 37-باب، 36-ئايەتنى كۆرۈڭ.
 
 

10:3 «ھېساب ئالىدىغان كۈنى» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلىنسا، «خۇدا يوقلاپ كېلىدىغان كۈنى» دېگەنلىك بولىدۇ.

10:5 «قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «(ئۇلارنىڭ) قولىدىكى توقماق مېنىڭ غەزىپىم بولغان،...».

10:5 يەش. 36‏:1؛ يەر. 25‏:9؛ ئ‍ەز. 21‏:14

10:6 «ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا...بۇيرۇيمەن» ــ يەشايانىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى (ماھار-شالال-خاش-باز)نىڭ مەنىسىنى مۇشۇ ئايەتتتىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ: «ئولجىغا ئالدىرا! غەنىيمەتكە چاپسان بول!». بۇ سۆزلەر يەنە 2-ئايەتتە تېپىلىدۇ؛ خۇدا يەھۇدادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىدۇ.

10:7 «بىراق ئاسۇرىيەلىكنىڭ كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس...» ــ دېمەك، خۇدانىڭ مەقسىتى ئاسۇرىيە پادىشاھى ئارقىلىق ئىسرائىل ۋە يەھۇدانى جازالاش ئىدى. بىراق ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇشۇ ئىشتىن ھېچ خەۋەرسىز بولۇپ، پەقەت ئۆز شەخسىي مەنپەئەت-ھوقۇقلىرىنى، بايلىق-شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش كويىدا ئىدى. مۇشۇ ئايەت بىزگە، ھەممىگە قادىر ھەتتا رەھىمسىز ۋە خۇداسىز شەخسلەر، ئەللەر ۋە ئىمپېرىيەلەر ئارقىلىقمۇ ئۆز مەقسەت-مۇددىئالىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، دەپ ئۆگىتىدۇ.

10:8 «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى ئاۋۋال پادىشاھلار بولغان ئەمەسمۇ؟»

10:9 «كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە، خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە، سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟» ــ دېمەك، مەن كالنو، خامات ۋە دەمەشقنى ئاسانلا قولغا كەلتۈردۈم. بۇنىڭدىن باشقا شەھەرلەرنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئاسانلا بويسۇندۇرىمەن. ھەربىر جۈپ شەھەرنىڭ ئىككىنچىسى بىرىنچىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئۇنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى كېيىنرەك قولىغا ئالغان. كالنو ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 738-يىلى؛ كارشېمىش 717-يىلى؛ خامات 738-يىلى؛ ئارپاد 740-يىلى؛ سامارىيە -721-720يىلى؛ دەمەشق 732-يىلى ئېلىنغان.

10:15 «ياغاچ ئەمەس بولغۇچى» ــ ھاسىنى ئىشلەتكەن ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.

10:16 «ئاسۇرىيەلكنىڭ پالۋانلىرى» ــ «پالۋان» ئىبرانىي تىلىدا «سېمىز» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ «سېمىزلارغا ئورۇقلۇق ئەۋەتىمەن». بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى -36، 37-بابتىن كۆرۈڭ.

10:16 يەش. 24‏:6

10:19 «ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەر» ــ بەلكىم ئاسۇرىيەدىكى دەرەخلەرنىمۇ، ئادەملەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

10:20 «ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچى» ــ بۇ ئاسۇرىيەنى ياكى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ.

10:21 «بىر قالدىسى قايتىپ كېلىدۇ» ــ يەشايانىڭ بىرىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى (شېئار-جاشۇب)دۇر. «قايتىپ كېلىش» ــ شۈبھىسىزكى، ھەم توۋا قىلىش ھەم ئۆز يۇرت-ۋەتىنىگە قايتىشنىمۇ بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ ئايەتلەر ھەم ئىسرائىلدىكى «شىمالىي پادىشاھلىق»نى ھەم ئاخىرقى زاماندىكى ئىسرائىلنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.

10:22 رىم. 9‏:27،28

10:23 «پۈتكۈل يەر يۈزىدە» ــ ياكى پەلەستىندىكى (قانائاندىكى) زېمىننى ياكى پۈتكۈل يەر يۈزىنى كۆرسىتىدۇ.

10:23 يەش. 28‏:22

10:24 «ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ھاسىسىنى مىسىردىكى تەبىقىدە ساڭا قاراپ كۆتۈرگەندەك بولسىمۇ،...». «مىسىرلىقلاردەك... ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان» ــ ئىسرائىلنىڭ مىسىردا بولغان تارىخىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «ھاسا كۆتۈرۈش» ــ بەلكىم جەڭ قىلىشنى جاكارلاشتۇر. قەدىمكى زاماندا، ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا، مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن ئۇلارنى ھالاك قىلماقچى بولۇپ، قوشۇنىنى ئەۋەتىپ قوغلىغان. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىردا ئۆزى ھالاك بولغان. ئاسۇرىيەلەر مىسىرلىقلارغا ئوخشاشلا ھالاك بولىدۇ، دېمەك. «مىس.» 1-15 بابلارنى كۆرۈڭ.

10:26 «ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ» ــ «ھاك.» 7-بابنى كۆرۈڭ. مىدىيانلار ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلىپ، خۇدانىڭ مۆجىزىلىرى بىلەن مەغلۇپ بولدى. مىدىيانلارنىڭ سەردارى ئورەب قاچقان بولسىمۇ ئۆلتۈرۈلدى. ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب قاچقىنى بىلەن ئۆز يۇرتىدا ئۆز ئوغۇللىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى (37-بابنى كۆرۈڭ). «ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ مىسىردىكى تەبىقىدە ھاسىىسنى كۆتۈرىدۇ» (24-ئايەتتىكى ئىبارە ئوخشاشتۇر). لېكىن «ھاسىىنى كۆتۈرگۈچى» مۇشۇ يەردە پەرۋەردىگار بولىدۇ؛ ئۇ «ئۇنى (ھاسىسىنى) مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەن»دە، مىسىرلىقلار دېڭىزدا غەرق بولۇپ ھالاك بولدى («مىس.» 14-بابنى كۆرۈڭ.

10:26 مىس. 14

10:27 «مايلىرىڭ سەۋەبىدىن» ــ ئىسرائىل پادىشاھلىرى «مۇقەددەس ماي» بىلەن، يەنى «مەسىھ قىلىنىشى» بىلەن پادىشاھ قىلىنغان. مۇشۇ «ماي» خۇدا ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سېنىڭ سەمىرەپ كەتكىنىڭ ئۈچۈن، بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇلۇپ يوقىتىلىدۇ».

10:32 «شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇ ... يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ» ــ مۇشۇ 28-32-ئايەتلەردە، يەشايا ئاسۇرىيە قوشۇنىنىڭ يېرۇسالېمغا قارىتىدىغان يۈرۈشىنى ئالدىن ئالا بېشارەت بېرىپ بايان قىلىدۇ. ئايات بولسا يېرۇسالېمدىن 50 كىلومېتر، مىگرون 22 كىلومېتر، مىخماش 11 كىلومېتر يىراقتا؛ مىخماش داۋانىدىن ئۆتۈپ، گېباغا كېلىدۇ. گېبا يېرۇسالېمدىن 10 كىلومېتر، «سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھ» 5 كىلومېتر، گاللىم 5.4 كىلومېتر، لائىش 4 كىلومېتر، ئاناتوت 3 كىلومېتر، مادمەناھ 1:5 كىلومېتر، گېبىم 800 مېتر، نوب تېغى بولسا پەقەت يېرۇسالېمدىكى سېپىلدىن 200 مېتر يىراقلىقتا. قوشۇن «گېبادا قونۇپ قالىدۇ» ــ ئەسلىدە مىخماشتا قونۇشقا (بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن) توغرا كېلەتتى، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىگە تولىمۇ ئىشەنچ قىلىپ بىخۇدلۇق بىلەن ئالغا بېسىپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دېگەندىكىدەك يۈز بەردى.

10:34 «لىۋان» ــ لىۋاندىكى كېدار دەرەخلىرى ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئەڭ ئېگىز، ھەيۋەتلىك ۋە ئەڭ باراقسان ئۆسىدۇ؛ مۇشۇ ئايەتتە «لىۋان» ئاسۇرىيەنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچ-قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا يەرلەردە بولسا، ئۇ ھامان ھاكاۋۇر كىشىلەرنى بىلدۈرىدۇ. «ئۇلۇغ بىرسى تەرىپىدىن» ــ 37-باب، 36-ئايەتنى كۆرۈڭ.