10
پەرىشتە ۋە كىچىك ئورام يازما 
  1 ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇت بىلەن يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. چىرايى قۇياشقا، پۇتلىرى ئوت تۈۋرۈككە ئوخشايتتى؛ 
◘   2 قولىدا بىر كىچىك ئېچىقلىق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ،   
3 شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ سۆز قىلدى.   
  4 يەتتە گۈلدۈرماما سۆز قىلغاندا، دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق ئاسماندىن: ــ  
«يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 
◼  ◘   5 دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، 
◘   6 ئاسمانلار ھەم ئۇلاردا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەر-زېمىن ھەم ئۇنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، دېڭىز ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھەممىسىنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات ياشىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىپ:  
ــ ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ؛ 
◘   7 بەلكى يەتتىنچى پەرىشتە كاناي چېلىش ئالدىدا، يەنى ئاۋازى ئاڭلىنىش ئالدىدىكى كۈنلەردە، خۇدانىڭ ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىنىدەك ئۇنىڭ سىرى تۈگەللىنىپ، ئەمەلگە ئاشىدۇ، ــ دېدى. 
◘    8 مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە سۆزلەپ:  
ــ بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئېچىقلىق ئورام يازمىنى ئالغىن، دېدى.   
 9 مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا:  
ــ بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، دېدى. 
◼  ◘    10 مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم؛ دەرۋەقە ئاغزىمغا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى، لېكىن يېگەندىن كېيىن ئاشقازىنىم زۆرداب بولدى. 
◼   11 شۇنىڭ بىلەن ماڭا:  
 ــ سەن كۆپ مىللەتلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغانلار ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەنە جاكارلىشىڭ لازىم، دېيىلدى.